مەنبە: taklimakan
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 07- كۈنى، چارشەنبە
ئىگىلىنىشىچە ، ئافغانىستاندا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تالىبانلار دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش بولغان ۋاخاننى كونترول قىلدى،
بەداخشان ئۆلكىسىنىڭ ۋاخان رايونى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئافغانىستاننى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان «ۋاخان كارىدورى» بىلەن داڭلىق ئىستىراتىگىلىك رايون.
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ، بەداخشاننىڭ مەركىزى فېيزابادتىن باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.
يەرلىك مەنبەلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچ ، ۋاخان رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا يارىشىش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ ، بۇ رايون توقۇنۇشسىز تالىبانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋە ھەرىكەتنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن.
رايوندىن تارقىتىلغان سىنئالغۇدا ، بىر قانچە كىشىدىن تەركىب تاپقان تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رايون مەركىزىگە يېتىپ كېلىپ ، رايون خەلقى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ۋاقىتلىرى بار.
ۋاخان رايونىدا جەمئىي 112 يېزا بار ، بۇ يەردە تەخمىنەن 16 مىڭ ئادەم ياشايدۇ. پامىر ، قىرغىزىستان ، تاجىك ۋە ۋاھىسلار بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.