مەنبە: taklimakan
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، شەنبە
ئىمارەت مۇجاھدلىرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى 11-سېنتەبىرگىچە چېكىنىۋاتقان ئافغانىستاندىكى 85% زېمىنىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، كابۇل ھۆكۈمىتى روسىيە ، ھىندىستان ۋە خىتاينى «ئافغانىستاندىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قوللاشقا» چاقىردى.
كابۇل ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ھەمدۇللا مۇھىب «روسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئافغانىستاننى ھەر قانداق تېخنىكىلىق ۋە تېرورلۇققا قارشى قوللاشنى قارشى ئالىمىز» دېدى.
چەتئەلنىڭ ياردىمىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنى قوللاندى:
«بىز بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ ئورنىنى باشقا دۆلەتكە ئالماشتۇرۇشنى خالىمايمىز. بىز چەتئەللىك شېرىكلىرىمىزنى دۆلىتىمىزدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىرىمىز. ئەمما بىز بۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىش دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە خىتاي، ھىندىستان ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىلىق قوللىشىنى قارشى ئالىمىز ».
ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ھالەت خەرىتىسىى