مەنبە: Şarku’l Avsat
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، يەكشەنبە
خىتاينىڭ شيامېن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 10-چىسلا 210 خىتاي ئېلىپ ئافغانسىتاندىن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شيامېن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىن ئۇچۇپ ، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە قونغان.
خىتاي كونسۇل ئىشلىرى مىنىستىرلىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېزدىن چېگرادىن چىقىپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ سانىغا قارىماي زۆرۈر ياردەم بەردى».
تارقاقلاشتۇرۇلغان خىتاي پۇقرالىرىدىن 22 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى خاتىرىلەنگەن. خۇبېيدىكى دائىرىلەر تارقاقلاشتۇرۇش ھەركىتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ شەھەردە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 25 ىنىڭ بارلىقىنى ، بۇنىڭ 22 نەپىرىنىڭ كابۇلدىن كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن پەيشەنبە كۈنى ئەڭ ئاخىرقى ئەسكىرىنى 31-ئاۋغۇست ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈشكە ۋەدە بەردى.
بېيجىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ «ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ ئاساسى» دەپ قارايدىغان ۋاشىنگىتوننى «ئالدىراش ۋە قالايمىقان» چېكىنىش دەپ تەسۋىرلىدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن جۈمە كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تېزدىن چېكىندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىگە سەل قاراۋاتىدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئافغانىستان خەلقى ۋە رايون دۆلەتلىرى ئۈچۈن قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇرۇش پەيدا قىلىدۇ.