مەنبە: Şarku’l Avsat
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، سەيشەنبە
12- چىسلا ئامېرىكا خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇپ، فىلىپپىن قوراللىق قىسمىغا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ 1951-يىلدىكى ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
2016-يىلى ، خەلقئارا كېسىم سوتى فىلىپپىننىڭ ئىلتىماسى بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى بىر تەرەپلىمە ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق دەپ ھۆكۈم قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن بۇ قارارنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ 70 يىللىق ئۆز-ئارا مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئاساسەن ، فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھۇجۇملاردىن قۇغداش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.
بىللىنكېن مۇنداق دېدى: «فىلىپپىن قوراللىق قىسمىنىڭ پاراخوتى ياكى ئايروپىلانىغا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قانداق قوراللىق ھۇجۇم، 1951-يىلدىكى ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسىنىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا مۇداپىئە ۋەدىسىنى قوزغىتالايدۇ». دېدى.