مەنبە: Şarku›l Avsat
تەرجىمىگە تەييارلىغۇچى: ئەركىن
2021- يىلى 27- دېكابىر
ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ئاخبارات دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئېكۋاتور گۋىنىيىسدە ئالاھىدە ھەربىي ئەسلىھە تەسىس قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي ئوتتۇرا ئافرىقا رايونىدىكى كىچىك ئېكۋاتور گۋىنىيىسىدە «ئاتلانتىك ئوكياندىكى تۇنجى ھەم مەڭگۈلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇق ئورنىتىش» نى مەقسەت قىلغان.
1 مىليون 400 مىڭ نوپۇسى بار ئېكۋاتور گۋىنىيىسى بولسا، ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولۇپ، -1968 يىلى مۇستەقىل بولغان. پايتەخت مالابو بىيوكو ئارىلىغا جايلاشقان ، باتا بولسا گابون بىلەن كامېروننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئەڭ چوڭ شەھەر دەپ قارىلىدۇ.
1- ئاقساراي ۋە بەشبۇرجەكلىك بىنادا ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى چېلىندى
«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. ئەمما ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوكلاتلار خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا قايتا قوراللىنىپ «ئاقساراي ۋە بەشبۇرجەكلىك بىنادا ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى چالىدىغان» دەرىجىدە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جوناتان ۋىنېر ئۆكتەبىردە ئېكۋاتور پرېزىدېنتتى تېئودورو ئوبياڭ نىگۇما مىباسوگو ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇئاۋىن پرېزىدېنت تېئودورو نگۇما ئوبىياڭ مانگۇنى خىتاينىڭ تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلماسلىققا قايىل قىلىش ئۈچۈن ئېكۋاتور گۋىنىيىسىنى زىيارەت قىلىغان.
بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دىپلوماتىيىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئېكۋاتور گۋىنىيىسىگە «خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىگە چېتىشلىق بەزى يوشۇرۇن قەدەملەر» نىڭ خەلقئارا دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردۇق»
بىر دۆلەت ئۈستىدىكى چوڭ كۈچ توقۇنۇشى سىرتنىڭ دىققىتىنى ناھايىتى ئاز جەلپ قىلىدۇ. بۇ توقۇنۇش ئۆز نۆۋىتىدە ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىككى دۆلەت تەيۋەننىڭ ئورنى، خىتاينىڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى، خىتاي ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى قاتارلىقلار مەسلىلەر توغرىسىدا سۈركىلىشمەكتە.
دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كامبودژادىكىدەك يېڭى چەتئەل بازا قۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىگە كېيىڭىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
2- گۋىنىيسىدىكى دېڭىز فلوت ئىنشائاتى
ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي ئېكۋاتور گۋىنىيىسىنىڭ پورت شەھىرى باتاغا كۆزتىككەندەك قىلىدۇ. باتانىڭ گۋىنىيسى قولتۇقىدا ئاللىقاچان خىتاينىڭ توشۇش پورتى بار بولۇپ، ئېسىل تاشيوللار بۇ شەھەرنى گابون ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئافرىقدىكى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى (AFRICOM) ستىفېن توۋېنسېند ئاپرېلدا كېڭەش پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىن كەلگەن ئەڭ مۇھىم تەھدىدنىڭ «ئافرىقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېڭىز ئارمىيىسى ئەسلىھەلىرى» بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئوتتۇرا شەرىق ئاگېنتلىقىدىن مۇستەقىل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، توۋېنسېند مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ نۇقتى نەزىرىيسىدىن ئېيتقاندا، بۇ جاي ھەربىي جەھەتتە ئىستىراتىگىلىك رايوننىلا ئەمەس، بەلكى پورتتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدىغان، گاز ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ئەۋزەللىكنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوق-دورا بىلەن قايتا قوراللاندۇرالايدىغان ۋە دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتلىرىنى رېمونت قىلالايدىغان بىر پورتقا ئېرىشمەكچى»
ئوبياڭ -1979 يىلدىن باشلاپ ھوقۇقنى قولغا ئالغان. كېڭەش پالاتاسى ۋە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، -1996يىلى چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپىسىنىڭ بايقىلىشى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساراي ۋە باشقا ھەشەمەتلىك بۇيۇملارغا پۇل خەجلىشىگە يول ئاچتى.
«ۋال كوچىسى گېزىتى» ئېكۋاتور گۋىنىيىسىنىڭ نېفىت مىنىستىرى ۋە پرېزىدېنتنىڭ بىر ئوغلى گابرىئېل مىباگا ئوبياڭ لىما بىلەن ئالاقىلاشتى. ئۇنىڭدىن دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئائىلىسىدىكى چىرىكلىكلەرنى ئەيىبلەش ھەققىدە يازما سوئاللار سورالدى. ئوبياڭ لىما بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى. ئېكۋاتور گۋىنىيىسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسىمۇ كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىدى.
3- گۋىنىيەنىڭ ئامېرىكىغا يېقىنلىش ھەركىتى
ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى -2019 يىلى خىتاينىڭ ئېكۋاتور گۋىنىيىسىدىكى ھەربىي بازا قۇرۇش مەقسىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىدى. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى گۋىنىيىسىنى زىيارەت قىلدى. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ خىل ئۇسۇل گۋىنىيىسى پىرىزدىنتتى ئوبياڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئارمىيىسىگە قانچىلىك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى بىلىۋالدى.
بايدېن ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە ئۇرۇندى. -3 ئايدا تاسادىپىي ئوق دورا پارتىلاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ باتادا بىر ھەربىي بازىنى ۋەيران بولغان، كەم دېگەندە 100 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئامېرىكا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىۋاتقان بىر پەيىتكە توغرا كەلگەچكە ئامېرىكا ياردەمنى ئايىمىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئېكۋاتور گۋىنىيىسى قىسىملىرى گۋىنىيىس قولتۇقىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن مانېۋىرىغا قاتناشتى.
ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانى مايور گېنېرال مايور ئاندرېۋ روخلىڭ -6 ئايدىكى باياناتىدا، ۋاشىنگتون ئېكۋاتور گۋىنىيىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىغانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ۋىنېرنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، زۇڭتۇڭنىڭ ئوغلى ۋە ئېكۋاتور گۋىنىيە بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ باشلقى ئوبىياڭ مانگۇنى «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى تۇنجى سۆھبەتچى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇزاق ئۆتمەي، پرېزىدېنت تېئودورو ئوبياڭ نگۇما مىباسوگو خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بېيجىڭ تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ «ئېكۋاتور گۋىنىيىسى ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھى دەپ قاراپ كەلدى» دەپ تەكىتلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئېكۋاتور گۋىنىيە ساقچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە قوراللاندۇرۇشقا ياردەم قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېكۋاتور گۋىنىيىسىدە ياكى ئافرىقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى باشقا جايلاردا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى.
4- خىتاينىڭ جىبۇتىدىكى ھەربىي بازىسى
بېيجىڭ -2017 يىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن يىراق بولغان جىبۇتىدا چەتئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسىنى قۇردى. بۇ جاي سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتىدىغان دېڭىز قاتنىشىنىڭ «ئىستراتېگىيىلىك كارىدورى» دەپ قارالغان بابۇل ماندېب بوغۇزىغا تۇتىشىدۇ. ئامېرىكا ئافرىقا قوماندانلىق شتابىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ھەربىي ئىنشائاتلىرى قاتارىدا ئاۋىئاماتكا ۋە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى توختىلايدىغان پورت ياسىماقچى ئىكەن.
بۇ بازا ئامېركىنىڭ 4500 ئامېرىكا ئەسكىرى ياشايدىغان ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ بازىسى لاموننىيېر بازىسىدىن 6 ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتا.
بەشبۇرجەكلىك بىنا مەبلەغ سالغان ئافرىقا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پائۇل نانتوليا: «خىتاي پەقەت ئامېرىكىغا ئوخشاش ھەربىي بازا قۇرمايدۇ» دېدى. خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى ئۆتكەن 20 يىلدا ئافرىقا قىتئەسى ئەتراپىدا 100 سودا پورتى قۇردى.
ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال دېڭىز قىرغىقىدىكى موۋرىتانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دىپلوماتلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتكە بېيجىڭنىڭ ياسىغان پورتنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشىنى رەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ يىل قۇرۇلتايغا سۇنۇلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ كېنىيە، سېچېل، تانزانىيە ۋە ئانگولادا بازا قۇرۇشقا «قىزىقىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.
5- ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەت
ئامېرىكا ئېكۋاتور گۋىنىيىسىدە مەنپەئەت ئىزدەشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ئاز ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزى تەرپىدىن كەسكىن تەنقىد قىلىنىۋاتقان دۆلەتتىن ياردەم سوراۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئوبياڭ ھاكىمىيىتىنى، سوتسىز قاتىللىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى قىيناش ۋە باشقا خورلاشلارغا مەسئۇل دەپ قارىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى پرېزىدېنتنىڭ ئوغلى ئوبياڭ مانگۇنىڭ قانۇنسىز ئىش ئېلىپ بارغانىلقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
-2011 يىلى، ئوبياڭ مانگۇ ئامېرىكىنىڭ مالابودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ناھەق ئەيىبلەشلەرگە قارشى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چىقىرۋېتىش توغرىسىدا ياردەم سورىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سوت خاتىرىسىگە كىرگەن تېلېگراممىسىغا قارىغاندا، ئوبياڭ مانگۇ باش ئەلچىگە مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ خەزىنىسىدىن پۇل ئوغرىلاپ باقمىدىم». ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ نېفىت يېقىلغۇلۇق ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات خىزمىتى جەريانىدا قانۇنلۇق ھۆكۈمەت توختاملىرىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بايلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئېكۋاتور گۋىنىيىسى ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرىگە تايىنىپ، دېڭىز بايلىقىنى قېزىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق GDP ئارقىلىق سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندى.
بۇ دۆلەت گۋىنىيە قولتۇقىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: «بىز ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان دېڭىز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ يېنىغا تارتماقتا.
پ د ف نۇسخسىىنى چۈشۈرۋېلىڭ!👇👇👇
https://drive.google.com/file/d/1F0Bdk3FZTsxyvhv4_5igH3RdqTgpdgy3/view?usp=sharing