مۇلاھىزە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2021- يىل 8- يانۋار
ئامېرىكا، خىتاي، فرانسىيە ۋە روسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى، ئىران، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتارنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي رىقابىتى، ئالاھىدە قىلىپ ئېيتقاندا ھەرقايىسى رايون ئالاھىدىلىكى ھەر كۈنى ئايدىڭلاشماقتا. بۈگۈن بىز روسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابەت جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز، بۇ يەردە روسىيە ئامېرىكا جازا يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرگە ياكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت قولىدىكى دۆلەتلەرگە كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ مەقسىتى ئېنېرگىيە، قورال، قوغداش ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىش ۋە خەلقئارانىڭ قوللىشى، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە، ھەتتا روسىيەگە قاراتقان جازاسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە.
2008-يىلدىن باشلاپ، روسىيە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەندىزىسىنى تەقلىد قىلىشقا باشلىدى، ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەشىقىگە غايەت زور تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتتى ھەمدە 2013-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا دائىملىق ئەسكەر سانىنى 400 مىڭدىن 200 مىڭغا قىسقارتتى. 2025-يىلى، ھۆددىگەرلىك ئارمىيەنىڭ يېرىمى بولۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، روسىيە رىقابەتلىشىشىنى توسىدىغان بىر قانچە ھەربىي مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، مەسىلەن:
– ئۇكرائىنانىڭ روسىيەدىن ئايرىلىشى، بۇ يەردە روسىيەنىڭ ئىلگىرىكى پاراخوت رېمونت قىلىش پورتلىرى بار ئىدى، بۇ روسىيە پاراخوتلىرىنىڭ رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى ۋە رېئاكتىپ ماتورنىڭ تەرەققىياتىدا مەسىلە پەيدا قىلدى.
– روسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، يۈرۈش ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىغان ساھەلەردىكى تېخنىكىلىق قالاقلىقى.
روسىيە ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ غەرب چېگراسىنى قوغدىماقتا، بۇ رايۇنلار ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىن، ئەمما ھاۋا ئارمىيە بازىسى يوق ياكى چېگرىسىدىن يىراق بولغان ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يەنىلا چەكلىك، شۇنداقلا قىممەت.
– سىلاۋىيان ياللانما ئەسكەرلىرى: ۋاگنېرغا قاتناشقانلار، ئۇلار ھەربىي جەھەتتە ئۈنۈملۈك بولغان روسىيە ئەسكەرلىرى بولۇپ كىچىك بالىدەك ئۇرۇشقا بېرىلىپ كېتىدۇ.
يەرلىك ياللانما ئەسكەرلەر: ۋاگنېرنىڭ ساھىبخان دۆلەتتىن كەلگەن يەرلىك ئەسكەرلەر، ئۇلار روسىيە ئوخشاش دۆلەت ياكى باشقا دۆلەتلەردە ئەرزان مودېل سۈپىتىدە تەربىيەلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ.
روسىيەنىڭ ئاكتىپ ھەربىي قىسىملىرى، روسىيە ئۆزىنى تولۇق تەۋە دەپ قارىغان رايونلارغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.
– سىمۋوللۇق كۈچلەر: رەسمىي كېلىشىملەر ئارقىلىق مەسىلەن، مىسىر ۋە سۇداندىكىگە ئوخشاش، روسىيەنىڭ تاكتىكا جەھەتتە ئۇلارغا پايدىسى يوق بولسىمۇ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدىغان، بولۇپمۇ ھوقۇقنىڭ ئۆزگىرىشى، ھاكىمىيەتنىڭ فرانسىيە ياكى ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ ئورنىغا روسىيەنى كېپىل قىلىپ تاللاشى.
سۈرىيە مەسىلىسىدە، روسىيە دائىملىق ئارمىيە ۋە ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە يەرلىك ياللانما ئەسكەرلەرنى ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەردە ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن روسىيە قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەننەرخى تۆۋەنلىدى.
ۋاگنېر مودېلى ئۆزگىچە ئەمەس، ئۇ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتىكى كونا دۇنياۋى مودېل ، ئەمما روسىيەنىڭ بۇ مودىلنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى دۆلەتنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. روسىيەنىڭ سۈرىيىدىكى ھەركىتىدە، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئارىلاشمىسىغا تاياندى (ھاۋا كۈچى، مەسلىھەتچىلەر، ئوفېتسىرلار، ئاخبارات، زەمبىرەك) ۋە ۋاگنېر يەر يۈزىدىكى تاكتىكىلىق كۈچ سۈپىتىدە قوللىنىلدى. (تىك ئۇچارلار ئورنىتىلغان)
روسىيەنىڭ چەتئەلدىكى مەۋجۇتلۇقى:
1. روسىيەنىڭ چوڭ دۆلەت بولۇشتەك ئورنىنى كۈچەيتىش
2. روسىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇش
3. ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش ۋە ئۇنىڭ كونتروللۇقىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش
4. ئىسلامچىلارنىڭ بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن لىق تولغان روسىيە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنى جەلپ قىلىدىغان ئىدىيەۋىنى تارقىتىشنى چەكلەش.
5. ئىسلامچىلارغا قارشى تۇرغىغان ھاكىمىيىتىنى قوللاش
روسىيە، خىتايغا ئوخشاش ئامېرىكىغا ۋە دۇنيا رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرگە جەڭ ئېلان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ رەھبەرلىكىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان يەنە بىر ئىستراتېگىيىگە ئەمەل قىلىدۇ.
روسىيەنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى ئەسكەرلىرى:
ئېرىترىيە: 1970 (ئاخبارات ۋە مەسلىھەت بېرىش ياردىمى)
قىرغىزىستان: 1991-يىل (ھاكىمىيەتنى قوللاش)
تاجىكىستان: 1991-يىل (قوللاش سىستېمىسى)
ئەرمېنىيە: 1940 ۋە 2020 (سىستېما قوللاش)
ئۇكرائىنا: 2014-يىلى (ئۆكتىچىلەرنى قوللاش)
لىۋىيە: 2015-يىلى (ئۆكتىچىلەرنى قوللاش)
سۈرىيە: 2015 (ھاكىمىيەتنى قوللاش)
ماداغاسقار: 2018 (ئاخبارات ۋە مەسلىھەت بېرىش)
ئەزەربەيجان: 2020 (ئايرىش كۈچلىرى)
بېلورۇسىيە: 2021 (قوللاش سىستېمىسى)
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى: 2019 (سىستېما قوللاش)
موزامبىك: 2019 (سىستېما قوللاش)
مالى: 2019 (سىستېما قوللاش)
قازاقىستان: 2022 (سىستېما قوللىشى)
مىسىر ۋە سۇدان: ھەربىي بازا ۋە پورتلارنى ئىشلىتىش كېلىشىمى