تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي فىلىملەرسىياسىي فىلىمقازاقىستاندىكى نامايىشىنىڭ باش ئاخىرى ۋە قازاقىستاندىكى داۋالغۇشنىڭ ئاسىيا رايوندىكى جىددىيىتى «يېڭى فىلىم»

قازاقىستاندىكى نامايىشىنىڭ باش ئاخىرى ۋە قازاقىستاندىكى داۋالغۇشنىڭ ئاسىيا رايوندىكى جىددىيىتى «يېڭى فىلىم»

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2022-01-24
Share 0FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
1.2K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2020-12-06
    2020-12-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-06-06
    2023-06-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2020-11-23
    2020-11-23
  • Çinli casuslar ve Avrupa-خىتاي جاسۇسلىرى ۋە ياۋروپا «يېڭى فىلىم» 
    2022-10-19
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-04-05
    2023-04-05
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2020-11-22
    2020-11-22

2022-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۈشەنبە

بۇ قېتىمقى فىلىمىزدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن 1،782 كىلومېتىرلىق چېگرا سىزىقى بار، نېفىت ۋە ئۇرانغا ئۇخشاش كەم تېپىلدىغان تەبىي بايلىقلارغا ئىگە قازاقىستاندا يېقىلغۇ كرزىسى، چېرىكلىك ۋە دېكتاتۇر ھاكىمىيەتنىڭ بېسىمىغا چىدىمىغان قازاق خەلقنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىلىش سەۋەبى ۋە ئۇلارنىڭ قانلىق باستۇرلۇشى ھەققىدە تۇختىلىمىز.

بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ۋە مۇشىنىڭغا ئۇخشىغان فىلىملەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ئۈچۈن بىزلەرنى قوللاپ، قانىلىمىزغا ئەزا بولۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قېنى ئەمسە فىلىمىزنىڭ مەزمۇنىغا مەرھەممەت

شۇ يەر ۋاقتى5-يانۋاردا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى پرېزىدېنتى توقايوف پەرمان ئىمزالاپ باش مىنىستىر باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلاپ يېڭى مۇۋەققەت باش مىنىستىر تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قازاقىستان پۇقرالار يېڭى يىل ئالدى-كەينىدە باشلانغان مەملىكەت بويىچە نامايىشتا، گاز باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى چىققان نامايىش 3 كۈندىن كېيىن پۇقرالار تۇرمۇشنىڭ قىينلىششى،  دۆلەت ئىچىدە چېرىكلىشىنىڭ كۈچىيىشى قارشى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشنى، سابىق پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەريايىۋنىڭ سىياسەتتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدىغان بىر سىياسىي ھەركەتكە ئايلىنىپ كەتتى.

گاز

قازاقىستاندا بۇنداق بىر ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى بولسا، 30 مىليارد باك ئەتراپىدا نېفىت زاپىسى ئىگە، ئۇنىڭدىن سىرت ئوتتۇرا شەرقتىن قالسا  ئەڭ چوڭ نېفىتلىككە ئىگە بىر باي دۆلەت بولىشىغا قارىماستىن، قازاقىستاندا يېقىلغۇ كىرزىسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىككى سەۋەنتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

  1. قازاقىستان ھۆكۈمىتى دۆلەتتىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى LPG ئىشلەپ چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ياساپ تەرققى قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سالماسلىق.
  2. ھۆكۈمەت سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى كۆپىنچىسىنى قۇشنا دۆلەتلەرگە ساتىش. مەسىلە، قازاقىستاندا بىر لېتىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى 0.12 دوللار لېكىن روسىيەدە بىر لېتىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى  دوللار ۋە قىرغىزىستاندا بولسا 0.47 دوللار.  شۇ سەۋەپتىن كۈزەتكۈچلەرنىڭ دېيشىچە، قازاقىستاندىكى بۇ مەسىلە ھۆكۈمەت LPG نىڭ باھاسىنى 0.12 دوللارغا چۈشۈرۈش بىلەن ھەر بولمايدۇ، چۈنكى شىركەتلەر LPGنى باھاسىنى چۈشۈرۈپ قازاقىستاندا ساتقاندىن سىرتقى دۆلەتلەرگە  ساتسا بۇنىڭدىن كۆپ پول تاپىدۇ.

نامايىش كۆلىمى تېزلىكتە كېڭەيگەنلىكتىن، ھۆكۈمەت تور ئالاقسنى ئۈزۈۋەپ، ئالمۇتا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، 5-چسىلا بىر كۈن ئىچىدە نامايىشچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 137 ساقچى ۋە 53 نامايىشچى يارىلانغان.

خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى باسالمىغان قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف 6- چسلا نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىقا ئەزا بولغان دۆلەتلەردىن ياردەم سورىدى. قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ بۇ باياناتتىن كېيىن،  روسىيە قازاقىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، روسىيەدىن كېيىن ، ئەرمىنىيە نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن قازاقىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  يەنە بىر تەرەپتىن ، روسىيە قوللىغان تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى قوللاش ئۈچۈن قازاقىستانغا ئالاھىدە قىسىم خادىملىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

قازاقىستاندىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەر« ئەگەر رۇسىيە ئالمۇتاغا كەلسە ھېچقانداق مەسىلە يوق، ئەمما قازاقىستاننىڭ شىمالى تەرپىگە كىرسە قايتا چىقمايدۇ. چۈنكى شىمالدىكى ئوبلاستلاردا رۇسلار نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ۋە بۇ سەۋەبتىن شىمالى قازاقىستان ئىككىنچى قىرىم بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى  ئىكەن» دىگەنلەردىن ئەندىشە قىلىشتى.

روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر قازاقىستانغا ئەۋەتىلگەن «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى» نىڭ كۈچلىرى تۆۋەندىكىچە: روسىيە 3000 بېلورۇسىيە 500  تاجىكىستان 200  ئەرمىنىيە 70 بۇ پەقەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان سانلار بولۇپ ھەققى سان ئېنىق ئەمەس.

بۇ ئارلىقتا قازاقىستان پرېزىدېنتى نامايشچىلار بىلەن قانداق سۆھبەتنى رەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ  قازاقىستاندا ھازىر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى «دۆلەتتىكى تېرورلۇق تەھدىتى» نى يولغا قويۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي «تېرورچىلار» نى ئېتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەققى ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى دەپ چىققان قازاقىستان خەلقىگە تېرورچى قالپىقى كەيدۈرۈلدى.

روس باشچىلىقدىكى نامدا بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرى بولغان ئەسكەرلەرنىڭ قازاقىستانغا كىرىشى بىلەن  قىرغىنچىلىق باشلاندى. قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يېڭىلىغان بولۇپ، 11-يانۋارغىچە پۈتۈن مەملىكەتتە 9،900 ئادەمنى قولغا ئالغان، 165 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.

تارقالغان سىن كۆرۈنۇش ۋە خەۋەرلەر بولسا نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇردى.

بۇنداق تاكتىكىلارنى دېكتاتۇر دۆلەتلەر نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدۇ، مەسىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم خەلىقنى «تېرورچىلىق، ئاشقۇنلۇق » تۆھمەت قىلىپ بارستۇرغىنىدەك قازاقىستاندىنىمۇ ئۇخشاش تىراگىدىيە يۈز بېرىۋاتىدۇ.

2017- يىلدىن 2021- يىلغىچە دۇنيادا 230 قېتىم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يۈز بەرگەن بولۇپ،  110 دۆلەتلەردە چوڭ نامايىش يۈز بەرگەن. نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشتىن سەۋەبلەرنىڭ 78% مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرگە قارشى بولغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىسىگە بىر قاراپ چىقىدىغان بولساق،  روسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى تەھتدىكە ئۇچۇرايدىغان ھەرقانداق بىر ئەھۋاللارغا ئەسكىرى كۈچ قوللىنىشقا، باستۇرۇشقا ھەتتا شۇ رايۇننى تاجاۋۇز قىلىپ ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا ۋە مۇۋاپپىقەت قازانماقتا، مەسىلەن 2014 يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنى بېسىۋېلىش، ئوكرائىنانىڭ دوباس رايۇنىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللاش ئارقىلىق بۇ رايۇننى قولغا كىرگۈزۈش دىگەندەك.

قازاقىستاندىكى داۋالغۇش نېمە ئۈچۈن رايوندا مۇھىم؟

روسىيە قازاقىستاننى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ، كرېمىل سارىيى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان ئۇكرائىنا ۋە بېلورۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سىياسىي داۋالغۇشلارغا سەلبىي ئىنكاس قايتۇردى. چۈنكى موسكۋا بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى يۈقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك داۋاملىق كېڭىيىپ ئۆزىگە تەھدىد ئالغا كېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

روسىيەنىڭ ئەنسىرەشلىرىنى بىر قانچە تۈرلۈك قاراشقا بولدۇ.

  1. روسىيە بۇ رايونلاردىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشى .
  2. غەربنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئەركىن كۈچلەرنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى كونترول قىلىشى.

قازاقىستاندا، كىشىلەرنىڭ غەزىپىنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىرقى ھېساپتا دۆلەتنىڭ مول بايلىقىنى مونوپول قىلىۋالغان سابىق پرېزىدېنت ۋە ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانى بولغان «نازاربايېف» ھاكىمىيىتىگە مەركەزلەشتى.

«نازاربايېف» 2019-يىلى پرېزىدېنتلىق ئورنىدىن ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ، ئۆكتىچىلەر بۇنى رەسمىي ئىستىپا دەپ قارىمايدۇ.

نازاربايېف ھاكىمىيىتىنىڭ پۇتىنغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى سىر ئەمەس، ھازىرقى ھاكىمىيەت كرېمىل سارىيىنىڭ 2020-يىلى بېلورۇسىيەدىكى لۇكاشېنكوغا بەرگەن قوللىشىدىن بەھرىمەن بولۇشى مۇمكىن.

قازاقىستان باستۇرۇش ھەركەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ نامايىشنى بېسىقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىماي  ئوق ئاۋازلىرى قازىقىستان كوچىلىرىدا پات پات ئاڭلىنىپ تۇرماقتا.

روسىيە ئوبزورچىسى قازاقىستاندىكى تۆكۈلگەب قان قانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ روسىيە ئارمىيىسىگە يۈكلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كەلگۈسىدە قازاقىستاندىكى روسىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى» نىڭ بالدۇر ياكى كېيىن قازاقىستاندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن  ئوبزورچى، روس پۇقرالىرىنىڭ غەزەپلەنگەن ۋە مىللەتچى جەمئىيەتتە قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

• روسىيە  بۇ بىخەتەرلىك ساقلاش نامىدا قازاقىستاننى ئىككىنچى قىرىمغا ئايلاندۇرامدۇ؟ ياكى قازاقىستان روس تەسىرىدىن چىقىپ «يېڭى ئۇكرائىنا» غا ئايلىنىپ، غەرب-روسىيە توقۇنۇشىدىكى باغلىنىشقا ئايلىنامدۇ؟ بۇ يېقىنقى كۈنلەردە گۇۋاھ بولىمىز.

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2020-12-06
    2020-12-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-06-06
    2023-06-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2020-11-23
    2020-11-23
  • Çinli casuslar ve Avrupa-خىتاي جاسۇسلىرى ۋە ياۋروپا «يېڭى فىلىم» 
    2022-10-19
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-04-05
    2023-04-05
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2020-11-22
    2020-11-22
ئەرمېنىيەباستۇرۇشبىلرۇسىيەتاجىكىستاندېكتاتۇرروسىيەقازاقىستانقانلىققۇراللىقنامايىش
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى تەيۋەننىڭ «ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى» (ADIZ) غا بېسىپ كىردى
كېيىنكى يازما
شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش...

خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى...

بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-06-27

بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-06-24

بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-06-20

بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-06-18

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

خەيبەرنىڭ فەتىھسى ۋە مۇئتەگە ئەسكىرى يۈرۈش

ھايۋاناتلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى «فىلىم»