تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىياشى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2022-01-26
Share 0FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
1.1K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • تەيۋەن ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئاساسىدىكى  «تىنچ بىرلىشىش» تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
    2022-08-14
  • جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
    2023-11-15
  • تالىبان: چەتئەل كۈچلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنمىگۈچە بىز يىغىنغا قاتناشمايمىز
    2021-04-14
  • ئافغانىستان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چېكىنگەن كۈنىنى «دەم ئېلىش كۈنى» قىلىپ ئېلان قىلدى
    2023-06-17
  • خىتاي لىتۋانىيە باش ئەلچىسىنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
    2021-08-14
  • قاتاردا فرانسىيەگە قارشى بايقۇت ئېلان قىلىندى
    2020-10-24

2022-يىلى 26-يانۋار. چارشەنبە،

خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 25-يانۋار خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قاتناشقان.

يىغىندا خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېف 2025-يىلغىچە چېگرادىكى قۇرۇقلۇق تامۇژنىلىرىغا 20 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، خىتايدىن توشۇش يولىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بولسا، توسالغۇسىز سودا ۋە سانائەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى تەييارلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ رامكا ئىچىدە خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبىكىستان تۆمۈر يولىنى بۇ يىل باشلاشنى تەۋسىيە قىلغان.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى جاپاروف ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن نۆۋەتتىكى كۈن تەرتىپىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشىنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىگەن. جاپاروف تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «مەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكچى» دېگەن.

خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە توقايېفنىڭ رەھبەرلىكىدە قازاقىستاننىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يىغىندا شى جىنپىڭ «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ بىرى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، چېگرا كونترول قىلىش، تور تېرورلۇقىقا قارشى تۇرۇش، بىرلەشمە ھەرىكەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلۇق بىخەتەرلىك تورىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئاشقۇنلۇق» بىلەن چەتئەلدە بولسا «تېرولۇق» بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئورتاق قارا ئىمزالانغان.

قازاقسىتان يېڭى يىل كىرىشى بىلەن يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى سەۋەبلىك باشلانغان ۋە كېيىنچە قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان، ئاخىرىدا روسىيە باشچىلىقىدىكى چەتئەل قىسىملىرىنىڭ قازاقىستانغا تەكلىپ قىلىنىشى ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈپ، مىڭلارچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان قاباھەتلىك بىر جەرياننى باشتىن كەچۈردى.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارشىىچە، قازاقىستاندىكى مالىمانچىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن باشقا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئوتتۇرىغا چىقارغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە نەچچە يۈز مىليارد خىتاي پۇلى تۆكۈپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىننىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا 27-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىشى دىققەت تارتتقان.

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • تەيۋەن ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئاساسىدىكى  «تىنچ بىرلىشىش» تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
    2022-08-14
  • جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
    2023-11-15
  • تالىبان: چەتئەل كۈچلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنمىگۈچە بىز يىغىنغا قاتناشمايمىز
    2021-04-14
  • ئافغانىستان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چېكىنگەن كۈنىنى «دەم ئېلىش كۈنى» قىلىپ ئېلان قىلدى
    2023-06-17
  • خىتاي لىتۋانىيە باش ئەلچىسىنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
    2021-08-14
  • قاتاردا فرانسىيەگە قارشى بايقۇت ئېلان قىلىندى
    2020-10-24
ئوتتۇرا ئاسىيائۆزبىكىستانتاجىكىستانتۈرۈكمەنىستانخىتايقازاقىستانقىرغىزىستان
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
قازاقىستاندىكى نامايىشىنىڭ باش ئاخىرى ۋە قازاقىستاندىكى داۋالغۇشنىڭ ئاسىيا رايوندىكى جىددىيىتى «يېڭى فىلىم»
كېيىنكى يازما
روسىيە-ئوكرائىنا جىددىيلىكى «دىئاگرامما»

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئوق-دورا تەمىنلەش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئول ئەسلىھەلىرى توختىماي ھۇجۇمغا ئۇچۇرماقتا

روسىيە: بىز ئۇكرائىناغا كەلگەن بارلىق فرانسىيە ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرىمىز

روسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «Dynamic Manta 2024» مانېۋىرى...

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى «رافاھ پىلانى» نى ئۇرۇش كابىنېتىغا سۇندى

ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن روسىيەگە قارىتا يېڭى جازا...

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن سايلام پائالىيىتىنى TikTok غا يۆتكىدى

خاماس: ئەگەر رافاھ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا، مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى...

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

خىتاي-ئامېرىكا سۈركىلىشىنىڭ يېڭى پەللىسى

بەھرەيىن ئاتالمىش ئىسرائىلىيەنى ئىتراپ قىلماقچى

ئىسلام ئەمىرلىكى سىياسىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى موللا...