2022-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى شەنبە…
28-چسىلا خىتاي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مېھمان بولىدىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خان جەمەتى ئەزالىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ يازما باياناتىدا پرېزىدېنت شى جىنپىڭنىڭ 4-6-فېۋرال كۈنلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ، رەھبەرلەرنى قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
باياناتىدا، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن كامبودژا پادىشاھى نورودوم سىخامونى ۋە سىنگاپور پرېزىدېنتى ھالىم ياقۇپ، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېف، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىق جاپاروف، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامالى راخمان گۇربانگۇلى بېردىمۇخامېدوف ۋە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېف ئوتتۇرا شەرقتىن مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفېتتاھ سىسى، قاتارنىڭ ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەل تانى ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەخت ۋارىسى. ) مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان ‘پولشانىڭ پرېزىدېنتى ئاندرېجې دۇدانىڭ ، سېربىيەنىڭ پرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇچىچ ، لىيۇكسېمبۇرگدىكى بۈيۈك كىنەز ھېنرى ۋە موناكو شاھزادىسى ئالبېرت ۋە ئارگېنتىنا پرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېزنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ل.ئويۇن-ئەردېن، پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئىمران خان، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىنىڭ باش مىنىستىرى جامېس ماراپې ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى زوران تېگېلتىيا ھۆكۈمەت باشلىقى سۈپىتىدە ئويۇنغا مېھمان بولىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پارلامېنت باشلىقى پارك بىيوڭ-سېگ، ئەلى ئەھمەدوف ۋە تايلاند مەلىكىسى ماخا چاكرى سىرىنخورننىڭمۇ خىتايغا كېلىپ ئۆز دۆلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
باياناتتا، ئولىمپىككە قاتنىشىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا تۆۋەندىكى ئىسىملارنىڭ بولىدىغانلىقى بايان قىلىندى:
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ، ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا شەھىد، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى توماس باخ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش دېرىكتورى دارېن تاڭ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى ماركوس ترويجو ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى شاڭخەي كاڭ مىڭ ».
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، شىمالىي ئامېرىكا، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋىستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ۋە ياپونىيە، مالايسىيا، فىلىپپىن، ۋيېتنام، ھىندىنوزىيە ۋە برۇنېي سۇلتانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن مېھمانلار تىزىملىكىگە قاتناشمىغان.
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن بېيجىڭدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياپونىيە يەنە ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كابىنېت ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئەزالىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 90 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ.