2022-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى دۈشەنبە
غەرب ئاقىللار ئامبىرى ۋە تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوكرائىغا تاجاۋۇزچىلىق يۈز بەرگەندە يۈز بېرىدىغان ۋەزىيەت ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىنمۇ تۈركىيەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە ئۇكرائىناغا كىرىش ھەربىي تەييارلىقنى ئاساسى جەھەتتىن تاماملىغان بولۇپ، ھازىر پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغان. موسكۋا بولسا بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنى غەربنىڭ رايوندىكى «سۈنئىي جىددىيلىكنى ئاشۇرۇش» ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى دەپ قارايدۇ.
ياۋروپا تاشقى ئىشلار كېڭىشى (ECFR) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئانالىزدا، ئوكرائىنغا باشلانغان ئۇرۇشنىڭ لىۋىيە ۋە سۈرىيەگە ئۇخشاش ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان رايونلىرىدىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا «زەربە» بېرىدىغانلىقى يېزىلغان.
تەھلىلدە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىكەنلىكى ، موسكۋا ۋە ئۇكرائىنا بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تەھلىلدە يەنە، روسىيە بىلەن غەربنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئەنقەرەنى ھەرقايسى تەرەپ ئۆزى ئالدىغا تارتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، غەرەب دۆلەتلىرى ئەردوغاننىڭ ئىچكى سىياسىتىگە بولغان تەنقىدلىرىنى يۇمشىتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ئەندىشىسىنى تۈگىتەلەيدىغانلىقى شەرھلەندى.
ئارون ستەيىن تاشقى سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (FPRI) دا ئىمزالىغان ئانالىزدا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ قارا دېڭىزدىكى ئاجىز تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ستەيىن شەرقى ياۋروپادا پارتلايدىغان ئۇرۇشنىڭ سەلبىي ئىقتىسادىي تەسىردىن تارتىپ قارا دېڭىزدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىگىچە تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: ئەگەر تاجاۋۇزچىلىقتىن كېيىن ئۇكرائىنادا ھاكىمىيەت بېشىغا روسىيەنى قوللايدىغان كىشى چىقسا، تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر، بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش ھەمكارلىق كېلىشىمى خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ.
ياۋروپا كومىسسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۈركىيەدىكى سابىق باشلىقى فرانسىيىلىك دىپلومات مارك پىئېرنى يېقىندا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان كارنىگىغا يازغان تەھلىلىدە «روسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى كرىزىسنىڭ تۈركىيەنىڭ تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىنى سىنىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، تۈركىيە ئۈچۈن تۆۋەندىكى قىيىنچىلىقلارغا دىققەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
موسكۋانىڭ تاللاش ھوقۇقى بار. 1- ئۇكرائىنا ئىشلەتكەن تۈركىيەدە ياسالغان ھەربىي ئەسلىھەلەرگە قارشى ھەرىكەت؛ 2- تۈركىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازا (روسىيەنىڭ ساياھەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىمپورتى ئىلگىرىكى كرىزىسلاردا توختىتىلدى) سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاردىكى سەرگەردانلارغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيە. “
- ئۇرۇشقا ئەمەس ، روسىيەگە قارىتىلغان جازا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ
ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسى Zvi Bar’el Haaretz گېزىتىگە يازغان تەھلىلىدە: ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى يازغان بولۇپ، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ روسىيەگە يۈرگۈزۈشى مۇمكىن بولغان چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جازاغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ» دەپ يازغان.
جازانىڭ تۈركىيەنى روسىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا «تەرەپ» تاللاشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان زىۋى بارېل تۆۋەندىكىدەك باھا بەردى: تۈركىيە ئىقتىسادى رۇسىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇلار رۇسىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان يۈزلىگەن تۈركىيە شىركەتلەرنى، رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە سەرپ قىلىۋاتقان مىلياردلارچە دوللىرىنى، سۈرىيەدىكى ھەمكارلىق ۋە تۈركىيەنىڭ روسىيە S-400 مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
“نۆۋەتتە خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنى بولسا، ئوكرائىنادىن ئاتلاپ روسىيەدىن بىۋاسىتە قارا دېڭىزنىڭ ئاستى ئارقىلىق ئۆتىدىغان تۈرك ئېقىمى 2 تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ مەشغۇلاتى. روسىيە بۇ تۈر ئارقىلىق رۇمىنىيە ۋە ۋېنگىرىيەگە گاز ئەۋەتىش پىلانلىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بۇ لېنىيەدىن كىرىمى ناھايىتى كۆپ، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ لېنىيە تۈركىيەنى ياۋروپاغا ئاساسلىق گاز ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ. “
«بۇ تۈر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ۋە روسىيەگە تايىنىشنى ئازايتىشقا تىرىشىماقتا. روسىيە-تۈركىيە تۇرۇبا يولى تەھدىتكە ئۇچرىغان بىردىنبىر تۈر ئەمەس. ئەنقەرە قارا دېڭىزنى مارمارا دېڭىزىغا تۇتاشتۇرىغان ئىستانبۇل قانىلىنى ياساۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ قانالغا قاراتقان جازاسى بۇ تۈرگە قاتناشقان چەتئەل شىركەتلىرىنى جازالىشى مۇمكىن ».
مەنبە: Euronews