مەنبە: BBC Türkçe | Stephen McDonell
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2022- يىل 3- ئاينىڭ 6- كۈنى.. يەكشەنبە
پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، ئامېرىكا «موسكۋا بىلەن بېيجىڭنى ئىتتىپاقلىشىپ «ئەركىن ئەمەس» دۇنيا تەرتىپىنى بەرپا قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى.
1- ئۇكرائىنا-روسىيە كرىزىسى خىتاي ئۈچۈن نۇرغۇن ساھەدە زور رىقابەت پەيدا قىلدى
روسىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قويۇقلاشتى، بۇنى باشقا دۆلەتلەر ئولىمپكنى بايقۇت قىلىۋاتقاندا پۇتىننىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەر كونتروللۇقىدىكى ئىككى رايوننى رەسمىي ئېتراپ قىلىش ۋە ئۇ يەرگە ئەسكەر ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئولىمپىكنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ساقلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا باياناتىدا، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇكرائىنادىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە چاقىردى. ئەمما روسىيە بۇ بېسىملارنىڭ ھەممىسىگە پىسەنت قىلماستىن توقۇنۇشنى كۈچىيتى.
بۇ توقۇنۇشتا خىتاينىڭ رەسمىي مەيدانى قانداق بولىدۇ؟
ياۋروپادا «ئۇرۇشنى قوللىغانلىقىنى كۆرۈلمىدى» دەپ قارايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، موسكۋا بىلەن بولغان ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
ئۇكرائىنانىڭ بىرىنچى سودا ھەمراھى بولغان خىتاي كىيېۋ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما ئوكرائىنغا ئەسكەر ئەۋەتكەن روس ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقى خىتايى مۈشكۈل ئەھۋالغا سېلىپ قويىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «خىتاي روسىيەنى ئاشكارا قوللىدى» دەپ پەرەز قىلساق، خىتاينىڭ غەربىي ياۋروپا بىلەن بولغان سودىسىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى مۇقەررەر.
2- خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟
خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قاچۇرۇشىدىكى سەۋەب، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغانلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىغانلىقىدىن دەپ قارىلىدۇ.
ئەمما ئالدىنقى ھەپتە ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن پائالىيەتتە بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى.
بەزى تەھلىلچىلەر بېيجىڭنىڭ رۇسىيەگە بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئىدى ئەمما ئۇنداق بولمىدى، خىتاينىڭ بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەنلىكى «غەربنىڭ غەلىبىسى» دەپ تەسۋىرلەندى. بۇ بېيجىڭنىڭ ئارىلىشىشنى خالىمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى.
ئەمما خىتاي نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئەيىبلەشتىن يەنىلا يىراق ، بۇنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋېنبىن ۋاڭنىڭ ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ تەسۋىرلەشنى رەت قىلغانلىقى ئىسپاتلايدۇ.
بېيجىڭنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى قەستەن نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقى توغرىسىدا جەزملەشتۈرۈلمىگەن خەۋەرلەرمۇ بار.
ئامېرىكا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ نامەلۇم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگتون يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتاينى روسىيەگە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلماسلىق توغرىسىدا ئۇچۇر يوللاشقا چاقىرغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بېيجىڭنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى موسكۋا بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى بىلدى. خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىنىڭ تالاش-تارتىش پەيدا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ روسىيەنىڭ پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
3- تەيۋەن بىلەن مۇناسۋەتلىك ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىندى
خىتاي كومپارتىيىسىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان ئىش بولسا، بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ خەلقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى قانداق شەكىلدە ئۆزگەرتىشىدۇر.
شۇڭلاشقا خىتاي مەتبۇئات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرنى مۇنىپول قىلدى ۋە كونترول قىلدى.
تەيۋەننىڭ ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدۇ.
ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرىدىغان ئارال تەيۋەننى خىتاي كومپارتىيىسى «چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىشىشى كېرەك» دەپ قاراپ ئاسىيلىق قىلغان ئۆلكە دەپ قارايدۇ،
روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قوللىنىشقا ئۇرۇنغان خىتاي مىللەتچىلىرى، خىتاينىڭ تۋىتتېرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى ۋېيبودا، ھازىرقى ۋاقىتا ئۆزلىرىنىڭ «تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى» دەپ يازغان.
مەلۇمكى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى كۈنلەردە روسىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە تەيۋەننى زورلۇق بىلەن ئىگىلىمەكچى بولسا، بۇ ھەركەت قانلىق ۋە چىقىمى يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چۈنيىڭ خۇا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خىتاي ئەزەلدىن جازانى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارىمايدۇ.
4- ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەنقىد ۋە چەكلەش
ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنادىكى رۇسچە سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى ئازاد قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ھازىر خىتايدا ياشاۋاتقان ۋە بېسىۋېلىنغان موڭغۇللار، كورېيەلىكلەر، قىرغىزىستانلىقلار ۋە باشقىلارچۇ؟ ئۇنداقتا زاڭزۇلار ياكى ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق چاقىرىقىنى كۈچەيتسىچۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى قانخۇر شى جىنپىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشتىن مۇھىم.
شۇڭا پۇتىننىڭ ئاممىنى شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرىكىتىگە قانداق يېتەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن سىزنىڭ پەقەت خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى بايانلارغا قارىشىڭىز يېتەرلىك.
دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان «بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتى» روسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كىيېۋدىكى «يېڭى ناتسىستلار » ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلماسلىق ھەققىدىكى چاقىرىقىنى ھەمبەھىرلىدى.
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇكرائىنا ۋە روسىيەنىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ.
«پۇتىن قالتىس» ، «مەن ئامېرىكىغا قارشى، مەن روسىيەنى قوللايمەن» ، «ئامېرىكا دۇنيادا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشنى خالايدۇ» قاتارلىق يازمىلار خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقىلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئېھتىياتچان.
خىتاينىڭ كىيېۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، پۇقرالارغا ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە ، خىتاينىڭ بايرىقىنى ماشىنىغا ئېسىپ «خىتاينىڭ كۈچىنى نامايان قىلىش» نى تەۋسىيە قىلغان.
بەزىلەر، بۇ ئۆزگىرىشنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تاراتقۇلىرىدا پۇتىننىڭ ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلگەندە، خىتاي پوقرالىغا خەتەر ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى.
ھەپتە ئاخىرىدا، خىتايدىكى بەش داڭلىق ئاكادېمىك ئوچۇق خەت يېزىپ، روسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، تارىخشۇناس گۇچى : «بۇ بىر تاجاۋۇزچىلىق» دېدى. بۇ خەت ئېلان قىلىنىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن توردىن چىقىرىۋېتىلدى.
بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئابونتلىرى مۇنداق دەپ يازىدۇ: “مەن نېمىشقا شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ روسىيە ۋە پۇتىننى قوللايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن. ئىشغالىيەت ئادالەت دەپ قارامدۇ؟ بىز چوقۇم ھەر قانداق ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك!”.
يەنە بىرى: «پۇتىن باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارە ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچى رايونلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ» دېدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چۈنيىڭ خۇا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغاندا، «تارىخىي مۇھىت مۇرەككەپ»، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى «ئوخشىمىغان ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.
ياۋروپادا چوڭ داۋالغۇش يۈز بەرمەكتە. شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا بەزى چوڭ تاللاشلىرى دۇچ كېلىدۇ.