يازغۇچى: Sertac Aksan
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان
2022- يىل 3- ئاينىڭ 8- كۈنى… سەيشەنبە
ئۇكرائىنادا قولغا چۈشكەن ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپلىكى ۋە كۆپ خىللىقى كىشىلەرنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلغان نەرسىلەرنى بىرى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلغار تانكىلار ۋە نەچچە مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بار. بۇ ھەربىي ئەسلىھەلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى تانكا، ئاپتۇمات ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سايىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش ئىككىنچى ھەپتىسىنى تۈگۈتىشكە ئاز قالدى. يېڭىدىن كۈچلىنىۋاتقان توقۇنۇشنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆلچىمى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى.
مەيداندا، ھەربىي جەھەتتە بەزىدە بىز روسىيە كۈچلىرىنىڭ تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، بەزىدە ئۇكرائىنا كۈچلىرى قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە ماس كېلىدىغان كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال-ياراغ، ئۈسكۈنە، ماشىنا ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق سىستېمىلار.
قارشى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بار. ئۇنداقتا، بۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال-ياراغ ۋە سىستېمىلار قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ بىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مۇتەخەسسىسى قۇبلاي يىلدىرىمدىن سورايلى…
- سىز ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ئاپتۇماتلىرىغا رۇسىيەنىڭ ئوقدانلىرىنى سېلىپ ئىشلىتەلەيسىز
يىلدىرىم روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلەرنى «بىز كۆنۈشكە ئادەتلەنگەن جەڭ شارائىتىغا ئوخشىمايدىغان شارائىت» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى زاماندا بىر دۆلەت بولغان بۇ ئىككى دۆلەت (سوۋىيت ئىتتىپاقىنى دىمەكچى) ئوخشاش بىر مەنبەدىن تەمىنلەنگەن ئامبار زاپىسى بىلەن بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلماقتا.
بىر تەرەپ تاشلاپ كەتكەن ئۇقداننىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئاپتۇماتىغا سېلىپ ئىشلتىشكىچە ئوخشاشلىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، VDV قاتارلىق ھاۋا ئارمىيىسى ئەسكەرلىرى ۋە روسىيەنىڭ باشقا ئالاھىدە قىسىملىرى ئىشلەتكەن AK-12 ئاپتۇماتلىرىنى ئۇكرائىنا ئارمىيىسى قولغا چۈشۈرگەن ھامانلا ئىشلىتەلەيدۇ. ئوخشاشلا، ھەر خىل RPG تىپلىق راكېتالارنى ئۇكرائىنا تەرەپمۇ سېتىۋالالايدۇ ۋە ئىشلىتەلەيدۇ».
- روسىيەنىڭ برونېۋىكلىرىنىڭ ھەققىدە ھېچقانداق سىرلىق نەرسە يوق
دۈشمەن ئامبىرىنىڭ قورال سىستېمىسىنى ئىگىلەش ۋە ئاجىز نۇقتىلىرىنى تېزدىن تەكشۈرۈش ئۇرۇشلاردا دائىم ئۇچرايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن يىلدىرىم بىر مۇھىم تەپسىلاتنى تىلغا ئالدى:
«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، چاۋشيەن-ۋېيتنام ئۇرۇشى ۋە ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلار قارشى قارشى ئېقىملار ئارىسىدا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، «تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش» تېمىسى جانلىق تېمىلارنىڭ بىرى ئىدى. روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بولسا، بۇ مەسىلىنىڭ مەيداندا قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلىش ئاسان ئەمەس.
روسىيەنىڭ ماشىنىلاشقان برونىك ۋە باشقا نۇرغۇن ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىگە قارشى تۇرۇشنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن سىرلىق تەرىپى يوق. ماشىنىلاردىكى ئىقتىدار ۋە سىغىمى ھازىر ھەممىگە ئايان بولغان سىستېمىلار ھېچقاندا سىرلىق ئەمەس، ئەمما ھەر خىل ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە قوراللارغا باشقىچە باھا بېرىش كېرەك.
نەزەرىيە جەھەتتىن، روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ياكى قولغا چۈشۈرگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئىشلىتەلەيدۇ ».
- TOR ۋە BUK غا ئوخشاش مىليون دوللارلىق سىستېمىلار قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
ئۇكرائىنادىن ئاخبارات ئورگانلار تەمىنلىگەن سۈرەتلەردىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىنتايىن ئىلغار سىستېمىلار بولۇپ، بەزىلىرى كاشىلا سەۋەبىدىن تاشلىۋېتىلگەن بولسا، بەزىلىرى ماي تۈگىگەنلىكتىن يەنە بەزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچۇرغانلىقتىن قولغا چۈشكەن.
بولۇپمۇ بىز TOR ۋە BUK قاتارلىق روسىيە قەدىرلىگەن بەزى سىستېمىلىرىنىڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا «يېڭى شارائىت» تا ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. بىز يىلدىرىمدىن بۇ رەسىملەرنى قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى سورىدۇق:
«قولغا چۈشكەن داڭلىق TOR ۋە تۇڭگۇسكا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇكرائىنانىڭمۇ قولىدا بار بولغان كونا نۇسخا ئىكەنلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن يوللىرى ئىككى ئايرىلغان بۇ ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن بۇ ئاساسىي سىستېمىلاردا بىر قىسىم ئالاھىدە يېڭىلاش ۋە ياخشىلاشلار ئېلىپ بېرىلدى. بەلكىم مۇشۇ سەۋەب قارشى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بۇ سىستېمىلارنى ئىشلىتىشىگە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، دوست ياكى دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى (IFF) قاتارلىق بىر قىسىم ئالاھىدە سىستېمىلار، مەخپىيلەشتۈرۈلگەن سىستېمىلاغا ھەر خىل ئاچقۇچ ۋە پاروللار ئارقىلىق كىرگىلى بولىدۇ، شىفىرلار ئوخشىماسلىقى قوللارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىش تېخى بالدۇر ، ئەمما ئەگەر ئەڭ يېڭى مودېل TOR-M2 ۋە ئىلغار BUK-M2 / M3 سىستېمىسى، Pantsir-S2 قاتارلىق سىستېمىلار قولغا چۈشۈرۈلسە، غەرب تېخنىكلىرى تەرىپىدىن رادار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈلىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى «ئاسېلسان»غا ئوخشاش مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى ۋە تۇبىتاك- SAGE قاتارلىق ئورگانلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ.
بۇ يەردە ، سىستېمىنىڭ رادار دائىرىسى ۋە ئىقتىدارى ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۆلچەردىكى كونۋېرتلىرىنى زاپچاس دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ ».
- ئىستىخبارات تەرەپتىن قىممەتلىك مەھسۇلاتلار
قۇبىلاي يىلدىم توقۇنۇش جەريانىدا قولغا چۈشكەن قوراللارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى داۋاملىق چۈشەندۈرۈپ… ئۇرۇش جەريانىدا روسىيە ھاۋا ئارمىيىسى دىۋىزىيىسى چۈشۈپ كەتكەن جايدا ئەڭ يېڭى مودېل مۈرىگە قارىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا Verda قولغا چۈشتى. بۇ قورالنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە ئەقلىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ توشۇشقا قولايلىق بولغان بۇ خىل سىستېمىلارنىڭ تېزلىكتە غەرب دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىلدىرىم يەنە ئوكرائىنانىڭ قولغا چۈشكەن روسىيەنىڭ ئەڭ زامانىۋى تانكىلىرىنىڭ بىرى بولغان T-90 نىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قورال-ياراغ ، ئوپتىكا ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى سىناش غەرب ھەربىي ئانالىزچىلىرىنى قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىرىنچى شەرتى بۇ ئۈسكۈنىلەرنى توقۇنۇش رايونىدىن بىخەتەر چىقىرىش ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. بىز يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە قولغا چۈشكەن تۇڭگۇسكا ياكى پانتىرغا ئوخشاش ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئۇكرائىنالىقلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۈسكۈنىدىن ئايرىلغان خادىملارنىڭ ئىشلەتكۈچى كونترول سۇپىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاچقۇچلۇق سىستېمىلارنى ۋەيران قىلغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن »دېدى.