تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2022-يىلى 20-مارت
روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 21- كۈنىدە توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ كىيېۋ ۋە كرېمىل سارىيى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇرۇشتا «بىتەرەپ» تۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىنكاس قوزغىدى.
ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن قېچىۋاتقان موسكۋاغا قارىتا قانداق ئىستراتېگىيە قوللىنىدۇ؟
1 – خىتاي بىلەن روسىيە قانچىلىك يېقىن؟
2-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش كۈنى، خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ۋە روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن «چەكسىز ھەمكارلىق» كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىمنىڭ بېيجىڭ بىلەن موسكۋانىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئۇندىن باشقا، كېلىشىمدە روسىيە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە خىتاي بولسا روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن قالغان ئىدىيەۋى قاراشلارنى تاشلاشقا» چاقىردى.
پۇتىننىڭ 20 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باشلايدىغان ئۇرۇش ھارپىسىدا تۈزۈگەن بۇ ئۆز-ئارا كېلىشىمنىڭ، ئۇرۇشتىكى بېيجىڭ-كرېمىل مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال پەيدا قىلدى.
- «شى جىنپىڭ ئۈچۈن بۇ بىر چوڭ خاتالىق».
ئامېرىكىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىدىكى جۇد بىلانچېتتې مۇنداق دېدى: «روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ھارپىسىدا موسكۋا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن شى جىنپىڭغا نىسبەتەن غايەت زور تاشقى سىياسەت خاتالىقى. بۇ خاتالىقنىڭ ئېغىر بەدىلى بار بولۇپ، شى جىنپىڭ سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىنى ئاشكارىلىدى »دەپ باھا بەردى.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ۋال كوچىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ئانالىزدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيە ۋە كانادا بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى 4-فېۋرال خىتاي بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكىدىكى ئاقىللار ئامبىرى برۇكىڭس ئورگىنىدىكى خىتاي ۋە ئاسىيانى تەتقىق قىلىدىغان رىيان خاس مۇنداق دېدى: «بېيجىڭنىڭ خىتاي-روسىيە مۇناسىۋىتىدىكى لوگىكىسى شۇكى، ھەر ئىككى دۆلەت تاجاۋۇزچى غەربنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ئەمەس، بەلكى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق غەربنىڭ زۇلۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۇيلايدۇ. “بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، روسىيەسىز خىتاي، ئۆزىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇشنى قارار قىلغان تاجاۋۇزچى غەربكە تاقابىل تۇرۇشتا يالغۇز قالىدۇ”.
- «خىتاينىڭ يوقىتىدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسىلىرى بار».
«شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوق. روسىيەگە سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ يوقىتىدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسىلىرى بار. خىتاي ئۆزىنى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ قارايدۇ. روسىيە بولسا ئاساسىي جەھەتتىن يىمىرىلىش دولقۇنىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «تېلېگراف گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ئانالىزدا مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن بىلەن شى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. ئىئان ۋىللىيامىس تەھلىلىدە «پۇتىننىڭ بېيجىڭنى خەتەرلىك ئورۇنغا تىقىپ قۇيغانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ ھەرىكەتلىرى كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا يەرشارى جۇغراپىيىلىك سىياسىتىنى شەكىللەندۈردۇ» دەپ يازدى.
2 – خىتاي ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئالدىن بىلەمدۇ؟
ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى كېلىشىمدىن كېيىن ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىنى بىر قىسىم غەرب مەنبەلىرى، بېيجىڭنىڭ كرېمىل سارىيىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاي گاڭ 15-مارت «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدىكى ماقالىسىدە بۇنى رەت قىلىپ، بېيجىڭنىڭ « تاجاۋۇزچىلىقنى ئالدىن بىلىدىغانلىقى، بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلغانلىقى ياكى بۇ ئۇرۇشنى خاتىرجەم قوللىغانلىقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنىڭ ئېغۋاگەرچىلىك» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇرۇش باشلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، خىتاي 26-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى (UNSC) دا ئۆتكۈزۈلگەن روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى.
- «خىتاي، كرىزىسنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىدىن قاچماقتا».
ئاۋىستىرالىيە ماككۇئارى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى كورتنىي ج.فۇڭ مۇنداق دېدى: خىتاي مەسئۇلىيەتچان مۇھىم دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنىشنى خالايدۇ، ئەمما ئۇكرائىناغا كەلگەندە تاجاۋۇز قىلىشنى تاللىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي روسىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېلىپ چىققان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ياكى پۇقرالارنى قوغداش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىككىنچى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، خىتاي كرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ۋە مۇرەسسە قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.»
3 – خىتاي روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قانداق يېقىنلاشتى؟
خىتاي دۆلىتى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنادىكى ۋەقەلەرنى ھازىرغىچە «ئۇرۇش» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلمىدى. بېيجىڭ باياناتلىرىدا بۇ ئۇرۇشنى «كرىزىس» ۋە «توقۇنۇش» دەپ تەسۋىرلەنگەن. بەزى باياناتلىرىدا ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى قوللىغان بولسىمۇ، روسىيەنىڭ «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» مۇ يوللۇق دىگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى كارنىگى خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتىدىن پائۇل خېنلې، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنى ئەيىبلەش ئارىسىدا ئوتتۇرھال يول مېڭىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي روسىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بىلەن قوللايدۇ ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشى ۋە موسكۋاغا جازا يۈرگۈزۈشىگە قارشى تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنانى ئاكتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئارىلاشماسلىق سىياسىتى بىلەن قوللايدۇ ».
- خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى «يادرو ھۇجۇمى» تەھدىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمۇ ئىنكاس قوزغىدى.
2-ئاينىڭ 27-كۈنى، پۇتىن ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرو كۈچىنىڭ «ئالاھىدە ھوشيارلىق» غا ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە «يادرو ئۇرۇشى» ئەندىشىسى پەيدا قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن بولسا پۇتىننىڭ باياناتىنى بىۋاسىتە ئەيىبلىمەي ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى ۋە موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇندىن باشقا، روسىيە ئەسكەرلىرى 24-فېۋرال باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئەتىسى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى ۋە 3-مارت ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى زاپورىجيانى قولغا چۈشۈردى. ۋىنبىن روسىيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە بىۋاسىتە قارشى تۇرماستىن، بۇ ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
- خىتاينىڭ «ئۇكرائىنا كېلىشىمى»
8 يىل ئىلگىرى خىتاي بىلەن ئۇكرائىنا ئىمزالىغان «قوغداش كېلىشىمى» ئۇرۇش بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى.
2013-يىلى، ئۇكرائىنانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنتى ۋىكتور يانۇكوۋىچ بىلەن شى ئۆز-ئارا كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، بېيجىڭ يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا كىيېۋنى «يادرو بىخەتەرلىك كاپالىتى» بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمدە ۋەدە قىلىنغان «بىخەتەرلىكنى قوغداش» نىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئېنىق بايانات بەرمىدى. شۇڭلاشقا، بۇ كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىۋاتقان روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يادرو ئۇرۇشى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بېيجىڭنىڭ «بىتەرەپ» سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھازىرچە پەرەز قىلىش تەس.
كورىيىدىكى ئاقىللار ئامبىرى جېجۇ تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئىنتاك خەن، روسىيەنىڭ كىيېۋنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا خىتاينىڭ بۇ كېلىشىمنى قوللىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.
مۇناسىۋەتلىك ئالىملار بىرلەشمىسىدىكى گرېگورىي كۇلاكى مۇنداق دېدى: «بۇ بىر يادرو قورالى بار دۆلەت باشقا يادرو قورالى بار دۆلەت تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىسا، يادرو قورالى يوق دۆلەتنى قوللاشقا ۋەدە بېرىدىغان كېلىشىم. شۇڭا بۇنى «خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇشقا تېگىشلىك بىر كېلىشىم» دېدى.
4 – روسىيە خىتايدىن نېمىلەرنى خالايدۇ ، بېيجىڭ كرېمىل سارىيىغا ياردەم بېرەمدۇ؟
كىملىكىنى ئورتاقلاشمىغان ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ ھەپتە كرېمىل سارىيىنىڭ بېيجىڭدىن ھەربىي ئەسلىھە ۋە ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گەرچە روسىيە بۇ ئەيىبلەش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ساۋ لىچېن روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ ئېغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى نېد پايىس بېيجىڭغا تەھدىد سېلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي روسىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلسا ياكى جازادىن قېچىشىغا يول تېپىپ بەرسە، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ». خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ساۋ لىچېن ئامېرىكىنىڭ بۇ باياناتىغا قارىتا مۇنداق دېدى: «ئەگەر بېيجىڭمۇ روسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن جازانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، خىتاي چوقۇم كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ».
- «خىتاي، روسىيەنى جازانى بۇزماي تۇرۇپ قوللايدۇ».
ئامېرىكىنى بازا قىلغان گېرمانىيە مارشال فوندى جەمئىيىتى ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى بوننىي گلازېر مۇنداق دېدى: «خىتاي روسىيەگە ياردەم بېرىشنىڭ يولىنى تېپىپ، جازانىڭ موسكۋاغا بولغان تەسىرىنى يېنىكلىتىدۇ».
ئاۋىستىرالىيە دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتىدىن ۋېن تى سۇڭ بېيجىڭنىڭ «ئۈچ مۇھىم نۇقتىسى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىسى خەلقئارا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، ئىككىنچىدىن، خەلقئارا جازا ئاستىدا روسىيە ئىقتىسادى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۈچىنچىدىن روسىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئوچۇق قوللىغۇچىسى دەپ ئاتالماسلىق».
مەنبە: مۇستەقىل تۈرك ، مۇھاپىزەتچى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، PBS ، ۋال كوچىسى گېزىتى، SCMP، تېلېگراف، ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى ، ۋاشىنگتون پوچتىسى ، پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى، Şarku’l Avsat