2022-يىلى 24-مارت پەيشەنبە
روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىغىنىغا بىر ئاي بولدى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا قانلىق ۋە دەھشەتلىك توقۇنۇشلار ئوتتۇرغا چىقتى.
روسىيە 24-فېۋرال قوزغاتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدە ھەر خىل قورال ۋە تېخنىكىلارنى، بولۇپمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلەتتى. بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇرۇشتا ئىشلىتىلدى.
ھۇجۇمنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، روسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن ئايرودروم، ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ھەربىي بازا ، ئىستراتېگىيىلىك بازا ۋە ئەسلىھەلەرگە زەربە بەردى.
- ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئەھۋال
روسىيە بىرىنچى ۋە ئاساسلىق نىشان بولغان ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا تېخى تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.
رايون مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ھېچقانداق ئايروپىلاننى ئۇچمىغان بولۇپ، بۇ يەر يۈزىدىكى ئۇچۇش يولى ۋە ئۇچۇش سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ قولىدىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرى تەمىنلىگەن Stinger ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار تېخىچە مەۋجۈت بولۇپ، ھاۋا ھۇجۇمىلىرىدا توسالغۇلارنى ۋە تالاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، روسىيە يەنىلا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
- مەيداندىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋال
يەنە بىر تەرەپتىن، روسىيە ئېغىر زىيانغا قارىماي ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملىق ئىلگىرلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
پايتەخت كىيېۋنى غەربىي شىمال ۋە شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدىن قورشاۋغا ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان روسىيە يەنە ئۇكرائىنانىڭ چېرنىخىۋ، سۇمى، كونوتوپ، خاركوۋ، مارىيپول ۋە مىكولايۋ قاتارلىق شەھەرلىرىگە ھەربىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتمەكتە.
روسىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيىدىكىگە ئوخشاش قورشاشغا ئېلىش ۋە بۆلۈش ئىستراتېگىيىسىنى ئوكرائىنادا قوللىنىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، دونباس رايونىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى ئارقىسىدىن قورشاش ئۈچۈن قەدەم بېسىلىۋاتقاندا، قورشاۋدىن قېچىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ جاي-جايلاردىن چېكىنىشى، ئالدىنقى سەپنىڭ يېمىرلىپ كېتىش ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
روسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى شىمالدا كىيېۋ ئەتراپىدا داۋام قىلىۋاتقاندا، روسىيەنىڭ جەنۇبتىكى مارىيپول شەھەر مەركىزىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇشنىڭ زاپورىجا، دنىپرو، كرىۋى رىخ، پولتاۋا ۋە دونباس ئالدىنقى سېپى قاتارلىق شەھەرلەرگە كەڭ كۆلەملىك يۆتكىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، روسىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.
- دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىساد
ئۇرۇشنىڭ جىددىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن باشقا ئىككى ساھە بولسا دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىساد.
غەرب دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە روسىيەنى قورشاشغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقان بولسىمۇ، ئىشغال باشلانغان دەسلەپكى كۈنلەردە چۈشۈشكە باشلىغان روسىيە رۇبلىسى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى 80 روبلى، ئىشغالىيەت بىلەن تەڭ 140 رۇبلىغا ئۆرلىگەن دوللار پېرېۋوت نىسبىتى ھازىر 100 رۇبلى ئەتراپىدا مۇقىملاشتى.
بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ، ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەرب ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرەپتە تۇرمىغانلىقى روسىيە ئۈچۈن پايدا بولدى. روسىيەنى 20 دۆلەت گۇرۇھىدىن چىقىرىۋېتىش ئۇرۇنۇشىمۇ «خىتاينىڭ توسالغۇلىرىغا دۇچ كېلىدۇ» دەپ قارالماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا ۋېنگىرىيەنى ئۇكرائىنانىڭ ترانسپارپاتىيە رايونىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن روسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا «سۈكۈت قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى. بالقان رايونىدىكى سېربىيە روسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بۇ ئۇرۇش بۇ رايوندىمۇ جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇلاردىن باشقا، لىۋىيە ۋە سۇرىيەدىن روسىيەگە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن ئۇكرائىناغا جەڭگە قاتنىشى ئۈچۈن ياللانما ئەسكەرلەر ۋە «پىدائىيلار» داۋاملىق تۈردە يىغىلماقتا.
- ئۇچۇر ئۇرۇشى
قوراللىق توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇچۇر ساھەسىدىمۇ ئېغىر ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن تەشۋىقات ساھەسىدىكى ۋەزىيەتنى يېتەكلەۋاتقاندا، روسىيەمۇ كۈچلۈك تەشۋىقات ئۇرۇشىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ.
ھەر ئىككى تەرەپ ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ مەنىۋىيىتىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ساھەدىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت، بولۇپمۇ ھەربىي زىيان بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە مۇبالىغىلەشتۈرۈش شەكلىدە يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇرۇشنى قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرۇپ قويغاندەك تەسىراتقا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، تور ھۇجۇمىمۇ كۈچەيدى. روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئورگانلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارىتا، ئۇكرائىنامۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. ئاخىرىدا، روسىيەنىڭ بىر خەۋەر تور بېكىتى خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھەمدە بۇ تور بېكەتكە «روسىيەنىڭ 10 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى» توغرىسىدىكى خەۋەر يوللاندى. بۇ تەشەببۇسلار بىلەن روسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىنكاسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
تۇنجى ئاينى ئارقىدا قالدۇرغان توقۇنۇشلار تېخى ئاخىرلاشمايدىغاندەك قىلىدۇ.