2022-يىلى 26-مارت.. شەنبە
«تۈركىيە كەلگۈسىدە ياۋروپانىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشىدە موھىم رول ئوينايدۇ ۋە روسىيەنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ». بۇ بايانات گېرمانىيە Konrad Adenauer فوندى (KAS) نىڭ ئېلان قىلغان تەھلىلىدە ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ خەتەرلىك ئامىل سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى. بۇ سەۋەبتىن ، تۈركىيەنىڭ غەرب تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن جازاغا قاتنىشالمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
گېرمانىيە Business Insider تور بېكىتىنىڭ ئالاھىدە تەھلىلىگە قارىغاندا ، KAS نىڭ ئەنقەرە ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ يېڭى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەركىزىگە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارىغان.
تەھلىلدە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر گېرمانىيە روسىيەنىڭ گازىغا باغلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنسا، «جەنۇب تەبىئىي گاز كارىدورىنى كېڭەيتىپ ، تۈركىيەنى كاسپىي دېڭىزى ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق رايونلارغا تۇتىشىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىش» ھەقىقىي پۇرسەتنى يارىتالايدۇ.
- ئىسرائىلىيە-تۈركىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى
ئەمەلىيەتتە، ياۋروپانىڭ كەلگۈسىدە ئەزەربەيجان ، تۈركمەنستان ، ئىراق ۋە ئىراندىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش پىلانى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
تەھلىلنىڭ يارقىن نۇقتىلار:
كۈنسېرى رېئاللىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە-تۈركىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە ، تۈركىيە ئۆزىنى ئېنېرگىيە مەركىزى قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ ».
«تۈركىيە بىخەتەرلىك سىياسىتى، ئېنېرگىيە سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە روسىيەگە تايىنىدۇ، شۇڭا تەڭپۇڭ ئۇسۇلنى يۈرگۈزىشكە تىرىشىدۇ».
«تۈركىيەدىكى مۇرەككەپ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس ، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە مۇمكىنچىلىكى بولغان جازاغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئەردوغاننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىسىدە ئېغىر ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلماسلىق كېرەك.”
قانداقلا بولمىسۇن ، KAS مۇتەخەسسىسلىرى « ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئۆز-ئارا تايىنىشقا مۇھتاج بولۇپ، پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئىجابىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا شارائىت ھازىرلاپ بەردى» دەپ يازدى.
يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەنىڭ روسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تاكتىكا ۋە «تۈركىيەنىڭ روسىيەگە يۈزلىنىشى» ئەمەس ، بەلكى «رايونلۇق كۈچنىڭ ئىشەنچلىك قىياپىتى» دەپ چۈشىنىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
موسكۋا ئوتتۇرا مەزگىلدىكى ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيىلىك رەقىبى بولۇپ قالىدۇ. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا، تۈركىيەنىڭ روسىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى شۇنچە تەس بولىدۇ.
دراماتىك يېقىنلىشىش
KAS نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان روسىيەگە قارشى سۈرىيە ئۇرۇشىدا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەن .
قانداقلا بولمىسۇن ، 2015-يىلدىن باشلاپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا «دراماتىك يېقىنلىشىش» ۋە «مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەمكارلىق» بارلىققا كەلدى.
تۈركىيە بىلەن روسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ.