مەنبە : Pekin-Brüksel/Şarku’l Avsat
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 04-كۈنى ، دۈشەنبە
غەرب دۆلەتلىرى موسكۋاغا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق جازا يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش جازا يۈرگۈزۈش يولىدا ماڭمىدى. بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىدا بېيجىڭدىن موسكۋاغا قارىتىلغان جازانى قوللاشنى تەلەپ قىلىندى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان باشلىقلار يىغىنىدىن ئىككى كۈن كېيىن، خىتاي ئۇكرائىنادا تىنچلىق خالايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى «ئۆز ئۇسۇلى» بىلەن قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
روسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن بېيجىڭ 2-چسلا خىتاي غەربنىڭ روسىيەگە يۈرگۈزگەن جازاسىنى «مەقسەتلىك» ھالدا يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا بىرلەشمىسى بولسا، بېيجىڭنى موسكۋانى قوللاشنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە زىيان سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ لۇتوڭ شەنبە كۈنى رۇسىيە RT قانىلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى قوللىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇنىڭدا ئوينايدىغان رولىنى مۇبالىغە قىلماسلىققا چاقىرمىز. توقۇنۇش ۋە تالاش-تارتىش پەقەت خىتاينىڭ تەلىپى بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. خىتاي روسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن غەربنىڭ جازاسىنى قەستەن قوللانمايدۇ. بىز ھەر قانداق دۆلەت بىلەن بولغان نورمال سودىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك دەپ قارايمىز ».
بېيجىڭ موسكۋانىڭ يېقىن ھەمراھى بولغاچقا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشتىن ھازىرغىچە ئۆزىنى قاچۇردى. غەرب دۆلەتلىرى بولسا بېيجىڭدىن كرېمىل سارىيىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
لۇتوڭنىڭ بۇ سۆزى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز جازاغا قارشى تۇرىمىز، بۇ جازانىڭ تەسىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەمىنلەش زەنجىرى، سانائەت زەنجىرى، يەر شارىلىشىش ھەتتا ئىقتىسادىي سىستېمىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، خىتاي شىركەتلىرى بۇ جازانىڭ ۋاسىتىلىك تەسىرىدىن ئەنسىرەپ روسىيەدىن ئېھتىيات قىلىدۇ ».
كوممۇنىست پارتىيە دائىرىلىرى موسكۋا بىلەن بولغان «مۇستەھكەم» دوستلۇقىنى قوغداۋاتقان بىر پەيىتتە، ياۋروپا بىرلەشمىسى خىتاينىڭ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىدا «ھىدرو كاربون سېتىۋېلىشنى كۆپەيتىش ياكى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش» ئارقىلىق قوللىشىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە تىرىشماقتا.
ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن جۈمە كۈنى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق تېلېفون يىغىنىدىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ خىل قوللاش خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئىناۋىتىگە كۆرۈنەرلىك زىيان سالىدۇ»
باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل مۇنداق دېدى: بىز خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
لۇتوڭ مۇنداق دېدى: «ھەربىي ھەرىكەت ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر چىقارغان قارار. بۇ ئۇرۇش روسىيەنىڭ مۇستەقىل قارارى بولۇپ، بىزنىڭ روسىيەگە يۈزلىنىشىمىز ۋە «بۇ ئۇرۇش چوقۇم توختىتىشى كېرەك» دېيىشىمىزنىڭ پايدىسى يوق. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى خىتاي ئەمەس ، ۋاشىنگتون ، بىريۇسسېل ۋە موسكۋانىڭ قولىدا. بۇ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، شۇڭا ياۋروپالىقلار چوقۇم قارار قىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە ئامېرىكىلىقلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدە ياۋروپالىقلارنىڭ تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتىپ مۇنداق دېدى: بەلكىم ئۇلارمۇ بۇ توغرىدا بىرەر ئىش قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەگەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى روسىيە پرېزىدېنتىغا تېلېفون قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭەيمەيدىغانلىقىنى، ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ بىتەرەپ دۆلەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. خىتاي كىيېۋدىن ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ھېچىقانداق بىر تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالمىدى ».
ياۋروپا بىرلەشمىسى بىلەن خىتاي 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىم بىريۇسسېل شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن توختىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى. لۇتوڭ مۇنداق دېدى: باشلىقلار يىغىنىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توختىتىلغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. مېنىڭچە ياۋروپالىقلار ئالدى بىلەن جازانى بىكار قىلىشى كېرەك، ئاندىن بىز ئۆز-ئارا ئۆچ ئېلىشنىڭ ئۇرنىغا باشقا جازالارنى بىكار قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمىز ».
گەرچە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، ۋاڭ يەنە ئاساسلىق سودا شېرىكلىرىنىڭ ئورتاق مەيدانىنى سۆزلىدى. خىتاي ئەمەلدارى ئىككى تەرەپنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ، ئۇكرائىنا، ئىران قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ئەمەس ، بەلكى ھەمكارلىق نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.