مەنبە: İstanbul/Şarku’l Avsat
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2022-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، سەيشەنبە
سوۋېت ئىتتىپاقى 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى. ئافغانىستاننىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى سەردار داۋۇدخاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن باشلانغان بۇ ئىشغالىيەت ئۇزۇن يىل داۋاملىشىدىغان ئۇرۇشنى قوزغاشتىن دېرەك بېرەتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى لېئونىد برېجنېفنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ئامۇ ئېقىمىدىن ئۆتۈپ دۆلەتكە كىرگەن 130،000 روسىيە ئەسكىرىنىڭ مەقسىتى ئافغانىستان كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قوللاش ۋە قوغداش ئىدى.
- 1 مىليون ئادەم قازا قىلغان
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئافغان خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تەخمىنەن 10 يىل داۋاملاشتى.
ئۇرۇش نەتىجىسىدە، 15،000 سوۋېت ئەسكىرى ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئافغانىستانلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى. بۇ ئۇرۇش 7 مىليون كىشىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈشى بىلەن بىللە، بازا تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇساما بىن لادېن ۋە ئەيمەن ئالزاۋاھىرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ئۇلار ئەرەب جۇغراپىيەسىدىن كەلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە قارشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۈرەش قىلغان.
- سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى
قىزىل ئارمىيەنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.
ئامېرىكىنىڭ 1986-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغان ئافغانىستان پارتىزانلىرىنى ئايروپىلانغا قارشى Stinger باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىشى ئۇرۇش مۇساپىسىنى ئۆزگەرتتى.
ئامېرىكا، ئەرەب دۆلەتلىرى، خىتاي، ئىران ۋە پاكىستاننىڭ پۇل ۋە قوراللار بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ ھاۋا كۈچى بۇزۇلۇپ، ھۆكۈمرانلىق ئورنى كۈندىن-كۈنگە تارايدى.
شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىدىن بىرى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 9 يىل، 1 ئاي، 19 كۈن داۋاملاشتۇرغان ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش ھەركىتى 1989-يىلى 15-فېۋرال رەسمىي ئاخىرلاشتى.
سوۋېت ئارمىيىسى نەچچە يۈز مىليارد دوللار زىيان تارتقاندىن باشقا ، 118 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 333 تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن ئايرىلدى.
- تالىبانلار ۋە ئىچكى ئۇرۇش
1989-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 10 يىللىق ئىشغالىيىتى ئاياقلىشىپ ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت باشلىقى در. نەجىبۇللا ئەھمەزاي ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى.
چەتئەلدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان نەجىبۇللا ئەھمەدزاي كابۇل ئايرودرومىدىن قايتۇرۇلۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىغا قامالدى.
1992-يىلى ئافغانىستاندا تالىبانلار ۋە باشقا گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. تالىبانلارنىڭ پايتەخت كابۇلنى ئىشغال قىلىشى بىلەن باشلانغان بۇ ئۇرۇش تۆت يىل داۋاملاشتى.
1996- يىلى تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ كۆپ قىسىمنى كونترول قىلىپ، تۇنجى قېتىملىق ئىسلام ئىمارىتىنى ئېلان قىلدى.
- ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى
11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ، ئامېرىكا تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەرگە ئۇلتىماتوم ئەۋەتتى.
بۇ ئولتىماتون بۇيىچە، موللا ئۆمەر يا ئەجەللىك ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ ياكى ئافغانىستاندا ساقلانغان ئوساما بىن لادېننى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. تالىبان رەھبىرى ئالدىنقىسىنى تاللىدى يەنى «ئەجەللىك ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش»
2001-يىلى 7-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان تالىبانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.
شىمالىي ئىتتىپاقنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 10 مىڭدىن ئارتۇق تالىبان ئەزاسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئۇرۇشنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج دابلىيۇ بۇش 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئافغانىستاندىكى چوڭ جەڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
- تىنچلىق مۇساپىسى
پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ رەھبەرلىكىدە، ئامېرىكا تۇنجى قېتىم تالىبان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا «ئافغانىستاندا تىنچلىق» نامىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. لېكىن 2011 ، 2012 ۋە 2013-2016يىللىرىدىكى تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىز بولدى.
«ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش خاتا، ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش كېرەك» دەپ قارىغان دونالد ترامپ 2017-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ، سۆھبەت يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئافغانىستاندا ئىككىنچى قېتىم سايلانغان پرېزىدېنت ئەشرەف غەنى 2018-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزلىرىنىڭ شەرتسىز تالىبانلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
غەنى يەنە تالىباننى قانۇنلۇق «سىياسىي پارتىيە» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈرمىدىكى ئەزالىرىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. تالىبانلار باشتىن ئاخىرى «ئامېرىكىنىڭ شەرتسىز ئافغانىستاندىن چېكىشى كېرەك» دىگەن شەرتىدە چىڭ تۇردى.
2021-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى بولغان باغرام ئايرودرومىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن ، كابۇل ھۆكۈمىتىگە قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. رايونلارغا بىر-بىرلەپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان تالىبان شەھەر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى.
تالىباننىڭ پايتەخت كابۇلنىڭ دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئەشرەف غەنى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيلا كابۇلنى تالىبانغا تاشلاپ چىقىپ كەتتى.
تالىبانلار 2021-يىلى 15-ئاۋغۇست كابۇلنى كونترول قىلدى.
- ئامېرىكا ئىشغالىيىتى ئارقىدا قالدۇرغان ئېغىر زىيانلار
ئامېرىكىدىكى ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئورنىنىڭ «ئۇرۇش خىراجىتى» دوكلاتىغا قارىغاندا، 2001-يىلى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئافغانىستاندا 46 مىڭ 319 پۇقرا، 69 مىڭ 95 ئەسكەر ۋە ساقچى، قالغان 52 مىڭ 893 ئۆكتىچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 176 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇ توقۇنۇشلاردا 2،500 گە يېقىن ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش چىقىمى 2 تىرىليون دوللارغا يېقىنلاشتى.