1.1K
ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەيمەن ئەل زاۋاھىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى زاۋاھىرىنىڭ 31-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا شۇ يەر ۋاقتى 06:18 دە ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بايدېن باياناتىدا يەنە تۆۋەندىكى بايانلارنى قوللاندى:
«بازا تەشكىلاتى رەھبىرى ئەيمەن ئەل زاۋاھىرى مېنىڭ يوليورۇقۇم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ ئامېرىكىغا تەھدىد سالغان. ئۇ 11-سېنتەبىردىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىسى».