1K
خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرىدىكى بىر يەسلىدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، ئالتە ئادەم يارىلاندى.
رايوندىكى ساقچى ئىدارىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بايانات بېرىپ، يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان شەپكىلىك بىر كىشىنىڭ ئەنفۇ ناھىيەسىدىكى بىر شەخسىي يەسلىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە ئادەمنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى گۇماندارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.