ئىران ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى ئەيىبلىدى ۋە «قىلچە ئىككىلەنمەيلا خىتاينىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى» جاكارلىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ناسىر كېنانى بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئىران ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، ئۇ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قوللايدۇ».
كېنانى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە جىددىيلىكنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئىران ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل ئۇسۇلىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ، «ۋاشىنگىتوننىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش پەقەت مۇقىمسىزلىقنىڭ كۈچىيىشىنى ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.