«دۇنيانىڭ زاۋۇتى» دەپ ئاتالغان خىتاي ھازىر بۇ ئىقتىدارنى يوقىتىۋاتىدۇ. خەلقئارا شىركەتلەر ھازىر غەرب بىلەن ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتتە بولغان خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن خىتايدىن ئايرىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇ شىركەتلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تۆتتىن بىرى تىجارىتىنى بۇ دۆلەتتىن كۆچۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇ شىركەتلەرنىڭ يېرىمى ھازىر خىتايدا سودا قىلىش سىياسىيلاشتى دەپ قارايدۇ. بۇ يۈزلىنىش ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 6-ئايدىكى تەكشۈرۈشىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك رىقابەت ئىختىلاپنى تېزلەتتى. خىتاينىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقىتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىچىدىكى قاتتىق تاجىسىمان ۋىرۇس تەدبىرلىرىمۇ خەلقئارالىق شىركەتلەرنى ئارقىغا چېكىندۈرمەكتە.
يېڭى ئادرېسلارنىڭ بىرى تۈركىيە
چوڭ شىركەتلەر ھازىر تىجارىتىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېڭى يەرلەرنى ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ ئادرېسلار ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى تۈركىيە.
تۈركىيەدىن باشقا ، ھىندىستان ، سېربىيە ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ تاللاشلارنىڭ بىرى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى شىركەتلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
تۈركىيە ۋە ھىندىستاننى تەمىنلىگەن ئەۋزەللىكى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورنى شىركەتلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلماقتا.
2021-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن خەلقئارالىق بىۋاسىتە مەبلەغنىڭ مىقدارى %81 ئېشىپ 14 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتتى. شۇڭا ، تۈركىيە چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتا يۇقۇمدىن ئىلگىرى يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتتى.