ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلەشتى.
نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا قارشى قوللىنىلىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەر ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئىككى تەرەپلىك ئالاقىنى سۇسلاشتۇردىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باسقۇچلار تۆۋەندىكىچە:
– ھەربىي ساھە رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە توختىتىلىدۇ
– دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆتكۈزگەن ئىككى تەرەپلىك خىزمەت يىغىنلىرى تاماملىنىدۇ
– دېڭىز بىخەتەرلىك دىئالوگى ئاخىرلىشىدۇ
– قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ قايتىپ كېلىشى توختىتىلىدۇ
– جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا ياردەم بېرىش توختىتىلىدۇ
– كېلىمات سۆھبىتى توختىتىلىدۇ
– خەلقئارا جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىق بولمايدۇ
– زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىق بولمايدۇ