كرېمىل سارىيى پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىگە باھا بەردى.
يېقىندىن بۇيان پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن دەمەشىق ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەدنىڭ تېلېفوندا سۆھبەتلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى.
تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغان بۇ خەۋەر يەنە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋدىن سورالدى.
پېسكوۋ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سۈرىيە مەسىلىسى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا مۇزاكىرە قىلىندى. ئەمما ، تېلېفوندا ئالاقىلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى تۈركىيە ياكى سۈرىيە تەرەپتىن سوراش كېرەك».
سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تۈركىيە بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئالاقىشىلىشنىڭ بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.