ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن ، خىتاي بۇ ئارالغا قاراتقان ھەربىي مانېۋىرىنى كۈچەيتتى. تەيۋەن بېيجىڭنىڭ بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئارالغا بېسىپ كىرىشى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىشىشىنى «خىتاي دۆلىتىنىڭ 2050-يىلدىكى گۈللىنىش ئىستراتېگىيىسى» نىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بېيجىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا تەيۋەننى قوراللىق بىرلەشتۈرۈش تەييارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
قانداقلا بولمىسۇن ، بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى مەغلۇبىيىتىنى كۆرگەن شى جىنپىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ھەركىتىنى مۆلچەردىكىدىن كېچىكىتۈرۈشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
تۆۋەندە مۇتەخەسسىسلەر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بەش خىل مۇمكىنچىلىككە قاراپ چىقايلى!!!
1- خىتاي قاچان ھۇجۇم قىلالايدۇ؟
دىپلوماتلار ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، بېيجىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشتا موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.
مەنبەلەردە دېيىلىشىچە ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 24-فېۋرال قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن تەخمىنەن ئىككى كۈن ۋاقىت كەتكەن بولۇپ ، «بېيجىڭ بۇ ۋاقىتنى ئالاھىدە ئويلىشىدۇ» دەپ قارالماقتا.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: موسكۋانىڭ 48 سائەت ئىچىدە كىيېۋنى قولغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالماسلىقى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىشىك ئاچتى، مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭ بۇ خاتالىقلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ شۇڭا 48 سائەت ئىچىدە «چاقماق تېزلىكىدە» ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىشى مۇمكىن .
ئۇلار يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى «يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈچ»، ئەگەر ئارمىيە بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىدە مەغلۇپ بولسا، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدە ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لوندوندىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان RUSI مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 2023-يىلى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرغا قۇيغان.
2-خىتاي قانداق قىلىپ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلالايدۇ؟
پېلوسى زىيارىتىدىن كېيىن خىتاينىڭ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن قايسى يوللارنى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا يىپ ئۇچى ئىزدەۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان «ئۇرۇش ئويۇنلىرى» بولسا دېڭىز قاماللىرى، كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ تۈرلىرى ۋە تەيۋەن دېڭىز قىرغاقىغا چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى بىرلىكتە ئىشلىتىش ئارقىلىق، خىتاي تەيۋەنگە پۈتۈنلەي تاجاۋۇز قىلالايدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، بېيجىڭنىڭ ئەكسىچە، كۈچىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش ئارقىلىق «تەيۋەننى ئاستا-ئاستا بوغۇپ ئۆلتۈرۈش» نى تاللىشى ۋە غەربنىڭ ئۇرۇشقا ئىنكاس قايتۇرۇشدىن بىر قەدەم بۇرۇن ئىشنى تۈگۈتىشنى تاللىشى مۇمكىن.
3- خىتاينىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىكى تۆت خىل تاللاشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كەمچىلىكى؟
1) خىتاي تەيۋەننى قامال قىلىشى مۇمكىن
خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى تەيۋەننى ئىقتىسادىي ۋە ئىقتىدار جەھەتتە پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشى، ھەمدە تەيۋەن قوراللىق قىسىملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيىسىدە ساقلاپ چارچىتىشى مۇمكىن.
خىتاي تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى يەتتە رايوننى مەركەز قىلغان مانېۋىردا تەيۋەننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان تاموژنا ۋە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايوننى تېزلا قۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
2) خىتاي ماتسۇ ۋە كىنمېن ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلالايدۇ
خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قارالغان بۇ ئاراللارغا بېسىپ كىرىش ئارقىلىق بۇ رايوننى كونترول قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومىتىر كېلىدۇ.
تەيۋەننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ماتسۇ ئارىلى ۋە تەيۋەننىڭ غەربىدىكى چوڭ كىنمېن ئارىلىنى ئىشغال قىلىشى، خىتايغا 20،000 ئەسكەر بىلەن غەربنىڭ ئىنكاسىنى ئۆلچەش پۇرسىتى بېرەلەيدۇ.
بۇ ئاراللارنىڭ تاجاۋۇزىغا بولغان ئاجىز ئىنكاسى بەلكىم 2014-يىلى روسىيە قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانغا ئوخشاش، خىتاينى بۇ ئاراللارنى قوشۇۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى مۇمكىن. بۇ ئاراللار بەك كىچىك بولغاچقا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىنكاس قايتۇرۇشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كېلىشىمى ۋاشىنگىتوننى سۈركۈلۈشكە ئارىلىشىشقا مەجبۇرلايدۇ، چۈنكى ئامېرىكا بۇ ئاراللارنى تەيۋەننىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.
.يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئاراللارغا تاجاۋۇز قىلىش خىتايغا «كىچىك غەلبە» بەدىلىگە يۇقىرى خەتەر ئېلىپ كېلىشى ھەم مۇمكىن
3) خىتاي ھاۋادىن ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلالايدۇ
خىتاينىڭ يەنە بىر تاللىشى بولسا ھاۋا ھۇجۇمى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق تەيۋەننى ئاجىزلاشتۇرۇش. خىتاي ئالدى بىلەن تەيۋەننىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ، رادار ۋە ئايرودروملارنى نىشانلىشى مۇمكىن ، ئەمما سۆھبەت ئۈستىلىدە كۈچلۈك بولۇش، تەيۋەن خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرنى نىشانلاشتىن ساقلىنىشى مۇمكىن.
گەرچە بۇ تاللاش ھەربىي جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ ، ئەمما چەكلىك نىشان خەلقئارا جەمئىيەتتە چوڭ ئىنكاس قوزغىماسلىقى مۇمكىن.
بۇ خىل ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى، بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى قىسىملىرىنىڭ تەييارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىدىن ئۈمىد بار. توكيومۇ دەرھال ئارمىيەنى سەپەرۋەر قىلىپ خىتاينىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى نىشانلاشقا تەييارلىق قىلالايدۇ.
RUSI مۇتەخەسسىسى سىدھارت كاۋشالنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ تاللاش گەرچە تەيۋەندە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، غەربنىڭ دىققىتىنى رايونغا قاراتقان بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەننى سۆھبەت ئۈستىلىگە مەجبۇرلاشنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس، شۇڭا ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە يەتمەيدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالدا، خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنكاس قايتۇرالايدۇ ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا پۈتۈنلەي تاجاۋۇزچىلىققا تەييارلىق قىلالايدۇ.
4) خىتاي تەيۋەن ئارىلىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلالايدۇ
ئەگەر خىتاي پۈتۈنلەي تاجاۋۇز قىلىشنى قارار قىلسا، تەخمىنەن 110 كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەيۋەن بوغۇزى بويىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى بىلەن بومباردىمان قىلىپ، ئەسكەرلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىدىن چۈشۈرۈپ بۇ ئۇرۇنۇشنى قوزغىتىشى مۇمكىن.
خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى تەيۋەن دېڭىز ئارمىيىسىنى يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئېنىق.
خىتاي تەيۋەننىڭ مۇداپىئە كۈچىنى تېزلىكتە مەغلۇب قىلىش ئارقىلىق قارشىلىقنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، تور ھۇجۇمى بىلەن تەيۋەندە ۋەھىمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
مۇتەخەسسىسلەر ۋە دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ قارىشىچە، غەرب روسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندا ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن 48 سائەت كەتكەنگەن ئۇخشاش، خىتاي شۇ 48 سائەتتىن پايدىلىنىپ تاجاۋۇزچىلىقتا غەلىبە قىلىشقا تىرىشىدىكەن.
4- تولۇق ئىشغال قىلىنغان ئەھۋالدا تەيۋەن نېمە قىلالايدۇ؟
يەنە بىر تەرەپتىن، تەيۋەن ئەگەر دۆلەت خىتايغا تاجاۋۇز قىلسا، شەھەر، ئورمان ۋە تاغلاردىكى يوشۇرۇن ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرەلەيدۇ.
خىتاي ئارمىيىسىنى دېڭىز قىرغىقىنى نازارەت قىلىش، تانكىغا قارشى تۇرۇش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسىنى قوزغىتىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. ھەمدە رازۋېدكا ئايروپىلانى ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە كۆچمە رادار سۇپىسى ئارقىلىق دېڭىز بويىدىكى نىشانلارنى بايقىيالايدۇ ۋە يوقىتالايدۇ.
5- تولۇق ئىشغال قىلىنسا خەلقئارا ئىنكاس قانداق بولىدۇ؟
تەيۋەننى تولۇق ئىشغال قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلالايدۇ. بەلكىم سەپەرۋەرلىك ھەركىتىگە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە يېتەكچىلىك قىلىشى مۇمكىن.
ھىندىستان قاتارلىق باشقا رايونلۇق كۈچلەر خىتايغا قارشى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە قالايمىقان ئىنكاسلارنى قوللىشى مۇمكىن. ئەمما ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئارىلىشىشقا قاتنىشىشىدىن ئۈمىد يوق.
RUSI مۇتەخەسسىسى كاۋشالنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، نۇرغۇن دۆلەتلەر «خىتاينىڭ قەدىمىگە قەدەم قويۇشتىن قورقىدىغان» بولۇپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىدىكەن.