ئاسىياچاقماق خەۋەرخەلقئارا خەۋەرلەر

خىتاي مانېۋىر ئۈچۈن روسىيەگە ئەسكەر ئەۋەتمەكچى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى؛ روسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھىندىستان، بېلورۇسىيە ۋە تاجىكىستان قاتنىشىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا ئەسكەر ئەۋتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ، مانېۋىرغا قاتنىشىشنىڭ نۆۋەتتىكى رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بار.

باياندا; ھىندىستان ، بېلورۇسىيە ۋە تاجىكىستانمۇ قاتنىشىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەقسەت ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر ئارمىيىسى بىلەن ئەمەلىي ۋە دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەر خىل بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ». دېيىلدى.

ئۆتكەن يىللاردا خىتاي روسىيەنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button