كرېمىل سارىيىغا قاراشلىق يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيىسى جەنۇبتا ئىلگىرىلىگەنلىكتىن موسكۋا كونتروللۇقىدىكى خېرسون شەھىرىنى «قەلئە» گە ئايلاندۇرۇپ، مۇداپىئە لىنىيىسىنى كۈچەيتكەن، ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ شەھەردىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇكرائىنا رەھبىرى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ بەرگەن باياناتىدا، روسىيە ئارمىيەسىنىڭ خېرسوندىكى سۇ ئېلېكتر توسمىسىنى ۋەيران قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالىنىڭ «كەڭ كۆلەمدە ئاپەت» ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
روسىيە ئۇكرائىنادا ئىشغال قىلغان ئەڭ ئىستراتېگىيىلىك رايون دەپ قارالغان خېرسوننىڭ موسكۋا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن رەھبىرى ۋىلادىمىر سالدو يېقىندا كىشىلەرنى بۇ رايوندىن ئايرىلىشقا چاقىردى.
يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، غەربنىڭ قورال-ياراقلىرى بىلەن قوللانغان ئۇكرائىنا ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا، دنېپېر دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ، خېرسون شەھەر مەركىزگە ئاتلاندى.
مۆلچەرلىنىشىچە، 24-فېۋرال ئىشغالىيەت باشلانغاندىن بۇيان رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان تۇنجى چوڭ شەھەر بولغان ئۇكرائىنانىڭ خېرسون شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىش كىيېۋنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەزۋەللىكنى قولغا كەلتۈردىكەن.
موسكۋا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن خېرسوندىكى ئەمەلدارلار ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ دنېپېر دەرياسى ئۈستىدىكى ئانتونىۋىسكىي كۆۋرۈكىنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. موسكۋانى قوللايدىغان يەرلىك ئەمەلدار كىرىل سترېموسوف تېلېگرامما ئارقىلىق: «تۆت ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، روسىيە ئارمىيىسى خېرسون شەھەرنى قوغداشقا تەييارلىق قىلماقتا» دىگەن باياناتنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى ناتالىيە گۇمېنيۇك «ئۇكرائىنا ئارمىيسىنىڭ ھۇجۇمغا مەسئۇل ئىكەنلىكى» توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، قىسىملىرىنىڭ يەرلىك ئاممىنى نىشان قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.