خىتاي رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ـ شەنبە (10-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئىنگىلىزچە تىۋىتىر ھېساباتىدا، خىتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ «20-چوڭ قۇرۇلتاي يېپىلىش مۇراسىمى» جەريانىدا يىغىن زالىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.
خەۋەردە ـ خۇ جىنتاۋ يىغىن مەزگىلىدە بىتاپ بولۇپ قالغانلىقىنى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ يىغىن زالى سىرتىدىكى بۆلۈمدە ئارام ئالدۇرغانلىقىنى ئېيىتقان.
خەۋەردە يەنە قوشۇمچە قىلىپ، خۇجىنتاۋ داۋالىنىۋاتقانلىقى، ھازىر ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرلگەن.
لېكىن خىتاي دۆلەت ئىچى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا بۇ ئىش ئۈستىدە توختالمىغان، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خىتاي تور بەتلىرىدە، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ھەم ئىلاۋە قالدۇرمىغان.
تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا، BBCنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى (Stephen mcdonel) مىك دونىلنىڭ ئانالىز ماقالىسى:
خۇجىنتاۋنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەھبەرلەر مۇنبىرىدىن ئايرىلغانلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىگە تولىمۇ قىزىقىدۇ. نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، ئەمما ھازىرغىچىلىك خىتاي ھۆكىمىتى ئىنكاس قايتۇرغىنى يوق.
خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى خۇجىنتاۋ ئىزچىل يىغىن زالىدىن ئايرىلىشنى خالىمىغان، ئەگەر ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ بېشىنى لىڭىشىتقۇدەك زادى شى جىن پىڭ غا نېمە دېدى؟ ئۇ مۇنبەردىن چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا شاگىرتى لى كېچاڭ نىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەم نېمە دېدى؟
خۇ جىنتاۋ قۇرۇلتاي زالىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشىدە ئىككى سەۋەب بۇلىشى مۇمكىن، بىرى خىتاي دىكتاتورلىقىنىڭ بىر تەرىپى (بىر كونا زامان رەھبىرىنى سېموۋول خاراكتېرلىك يىغىن زالىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى) يەنە بىرى بولسا خۇ جىن تاۋ ھەقىقەتەن بىتاپ بولۇپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن.
بىر ھەپتە بۇرۇن، قۇرۇلتاينىڭ بىرىنچى كۈنى، خۇ جىنتاۋ خىزمەتچى خادىمنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلتاي زالىغا يېتىپ كىرگەن بولۇپ، كۆرۈنۈشكە ئۇ ناھايىتى ئاجىز ئىدى.
لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا، نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ نېمىشقا كامىرا ئالدىدا؟ جىددىي ئەھۋالمۇ؟
خىتاي 20- قېتىملىق چوڭ قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى: لى كېچاڭ، ۋاڭ، خەن، لى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى قاتارىدا تىلغا ئېلىنمىدى.
بۈگۈن بىر قەدەر ئۇزۇن تارتىلغان سىندا، شى جىنپىڭ خۇ جىنتاۋ تەرەپكە بۇرۇلغان بولۇپ، نەق شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار لى جەنشۇ ۋە ۋاڭ خۇ نىڭ كۆرۈنۈشتە ناھايىتى جىددىيلەشكەن، لى جەنشۇ ئىزچىل ئورۇنىدىن تۇرۇپ خۇ جىن تاۋ غا ياردەم بەرگەن، ئەمما ۋاڭ خۇ ئۇنى تارتىپ ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان، خۇددى «ئارلاشما» دېگۈسى باردەك.
خۇ جىنتاۋ يەنە توختىماي قول ئۇزارتىپ خۇددى شى جىنپىڭ نىڭ ئالدىدىكى ھۆججەتنى ئالغۇسى باردەك، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان بولۇپ، شى جىن پىڭ ھەم نەق ۋاقتىدا قولىنى ئۇزارتىپ ھۆججەتنى بېسىۋېلىپ، خۇ جىن تاۋنىڭ ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىدىن توسىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ قۇرۇلتىيى ناھايىتى قېلىپلاشقان، بۇ خىل ھالەت كىشلەرگە خۇ جىن تاۋ نىڭ قۇرۇلتاي زالىدىن چىقىپ كېتىشىنى تولىمۇ تۇيۇقسىز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.
ئۇ (خۇ) قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىن سەل بۇرۇن يېپىق يىغىنغا قاتناشقان. كېيىن شۇ كۈنى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كىرىشىگە يول قۇيۇلغان بولۇپ ، كامىرالار تىكلىنىپ بولغان چاغدا، خىزمەت خادىملىرى خۇ جىنتاۋ نىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
گەرچە شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، كومپارتىيە ئادەتتە پەردە ئارقىسىدىكى مۇنازىرە ۋە دە-تالاشلارنى ئاشكارا كۆتۈرۈپ چىقمايتتى ، ناۋادا بۇ بىر قېتىملىق قەستەن پىلانلانغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىلگىرى ھالەتلەرگە ئوخشىماي قالدى.
خۇ جىنتاۋ شى جىنپىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر خىتاي دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ كوللېكتىپ رەھبەرلىكنى، ھەرقايسى سىياسىي قاتلاملاردىكى تەڭپۇڭلۇقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. خۇ جىنتاۋ دەۋرى- سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن، يېڭى ئىدىيە قارشى ئېلىنغان مەزگىل بولغان.
2008- يىلى بېيجىڭ ئولمىپىك يىغىنى خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە چاقناپ چىققان چوققىسى ھېسابلىنىدۇ ، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايدا قۇرۇلۇشى، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ توختىماي ئېقىپ كىرىشى، تورلارنىڭ ھازىرقىدىن ئەركىن بولۇشى، دۆلەت ئىچى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خەۋەر ئىشلىيەلىشى خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوبرازىنى يېڭىلاپ بەردى.
بەلكىم بەزى كىشىلەر خۇ جىن تاۋ نى «ئاجىز» دېيىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مەزگىلدە خىتاي ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.
پارتىيەنىڭ باش سېكرېتارى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىن پىڭ دۆلەتنى ئوخشىمىغان بىر يۆنىلىشكە ئېلىپ ماڭدى. ئۇ دېگەن
« يادرولۇق شەخس » رىقابەت ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.
ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى ۋە رىغبىتى تۈرتكىسىدە، خەلق ئارىسىدا خىتاي مىللەتچىلىكى پارتلىغان بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ خىتايغا قانداق قارايدىغانلىقىغا قىزىقمايدۇ، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قۇيۇپ بەرگەن سىگنالى بولسا: خىتاي بىلەن قارشىلاشقانلىقىڭ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلغىنىڭ! بولۇپ قالدى.
پارتىيە نىزامنامىسى ئۆزگەرتىلگەنلىكى، خىتاي خەلقىگە بۇنىڭ «كۈرەش» بىلەن قولغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ ھالەت ماۋ دەۋرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
ئىچكى قىسىمغا نىسبەتەن پارتىيە ئەڭ ئالىي رەھبەر بولۇپ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامى بىلەن بارلىق سىياسىي رەقىبلەرنى تازىلىدى. ھازىر، شى جىن پىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئارقىلىق بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەپلەردە ئوخشاشمايدىغان پىكىرگە ئىگە قالدۇق كۈچلەرنى تازىلاپ چىقتى.
ئەگەر خۇ جىنتاۋ ھېس قىلسا، 20- قېتملىق چوڭ قۇرۇلتايدا، پارتىيە كومىتېتىنىڭ 205 نەپەر يېڭى ئەزالاردىن تۈزۈلۈپ چىققانلىقى، ئارىسىدا لى كې چاڭ ۋە ۋاڭ ياڭلارنىڭ يوقلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەركىنلىك تەشەببۇسكارلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئالدىنقى نۆۋەت ھۆكۈمەت ئىدىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن بۇلاتتى.
بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يېڭى سىياسىي بىيۇرو دائىمىي ئەزالار كومىتېتى شى جىن پىڭ تەشەببۇسكارلىرى بىلەن تۈزۈلۈپ چىققانلىقىنى، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىكى ئىسلاھاتنى سىرتقا ئېچىۋېتىش مەزگىلى بىلەن ئوخشىمىغان يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.