ئاقساراينىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا ، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان گرۇزىيە پىرېزىدېنتى سالومې زۇرابىشۋىلى بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۇچرىشىشتا، گرۇزىيەنىڭ ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ قوللىغانلىقى، گرۇزىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
گرۇزىيەدىكى تالاش-تارتىشلىق «چەتئەللىك جاسۇس» قانۇن لايىھەسىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىدىن ئامېرىكانىڭ مەمنۇن بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئۇچرىشىشتا يەنە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
ئۇچرىشىشىتا، تەرەپلەرنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكى ۋە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئېمبارگولارنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، «(رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى» دېيىلدى.