754
تۈركىيە ، روسىيە ، بەششار ئەسەد ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش 15-16-مارت كۈنلىرى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، موسكۋادا تۈركىيە ، روسىيە ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ ۋاقتى بېكىتىلگەن. 15-16-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇراق ئاقچاپار تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.
يىغىنغا پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى مىخايىل بوگدانوف ، ئىرانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سىياسى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەسقەر ھاجى ۋە بەششار ئەسەدكە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمېن سۇسان قاتنىشىدۇ.