تۈركىيە ASELSAN شىركىتنىڭ باش دېرىكتورى Haluk Görgün: «بىز ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ياساۋاتىمىز، شۇڭا بىز S300 ۋە S400s گە ئېھتىياجلىق ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرگە بولغان بېقىنىشىمىزنى يوق قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز». دېدى.
«Milliyet» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى قاراقۇش ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقنى ۋە شىركەتنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ : بىز ھاۋا مۇداپىيە سىستىمىسنىڭ تەقلىدىي نۇسقىسنى زىيارەت قىلدۇق ، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بارلىق يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقنى كۆردۇق ۋە بارلىق سىستىمىلار سىناق قىلىندى دىدى.
Görgün ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ پەقەتلا يەككە ماشىنىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش پائالىيىتى ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ: « بىزنىڭ ئالاقە پونكىتىمىز ، ئىزدەش رادارىمىز بار . بۇ رادار توختىماي بىزگە كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ يەنە كونترول مەركىزىمىز. ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزىمىز شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىمىز بار» دېدى.