ئامېرىكا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى خامچوتنى مۇداپىئە چىقىمىغا ئاجراتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇداپىئە ئۈچۈن 886 مىليارد دوللارلىق خامچوت لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تىنچلىق تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇداپىئە خامچوتى بولغان بۇ قانۇن لايىھىسى پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللانغان دەپ قارىلىدۇ.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 2024-يىلدىكى مۇداپىئە خامچوتى 886 مىليارد دوللار دەپ ئېلان قىلىندى. ئەگەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتى تەييارلىغان خامچوت قانۇن لايىھىسى قوبۇل قىلىنسا ، ئۇ تىنچلىق دەۋرىدە يەنى دۆلەت ھېچقانداق ئۇرۇشقا قاتناشمىغان مەزگىلدە مۇداپىئە چىقىمىغا سەرپ قىلىنىدىغان ئەڭ يۇقىرى سومما ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قانۇن لايىھىسىدە بەشبۇرجەكلىك بىنا ئىشلىتىدىغان 842 مىليارد دوللار ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرگە 44 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان ، مەسىلەن: فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) دىگەندەك.
دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى 886 مىليارد دوللارغا يەتكەندىن كېيىن ، ھەربىي خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنى %5.2 ئۆستۈرۈپ ، ئارمىيەنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇكرائىنانى روسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا قوللاشنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرىدىغان يەنە بىر ئامىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.