Home خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىيائەسەد بىلەن پۇتىن موسكۋادا كۆرۈشتى

ئەسەد بىلەن پۇتىن موسكۋادا كۆرۈشتى

by تەكلىماكان

بەششار ئەسەد موسكۋاغا بېرىپ روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
SANA خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەسەدنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى ۋنۇكوۋو خەلقئارا ئايرودرومىغا 14-چسىلا يېتىپ كەلگەن.

بەششار ئەسەدنى بۇ يەردە روسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخايىل بوگدانوف ، روسىيەنىڭ دەمەشىقتىكى باش ئەلچىسى ئالېكساندىر يېفىموف ۋە ھاكىمىيەتنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى باشار جافارى قارشى ئالغان.

كېرمىل سارىيى باياناتىدا؛ ئەسەدنىڭ 15-چسلا پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

باياناتتا ، تەرەپلەرنىڭ سىياسىي ، سودا ، ئىقتىساد ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ، شۇنداقلا سۈرىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ھەل قىلىشنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

Related Articles

Leave a Comment