ئامېرىكىنىڭ B-52 ئايروپىلانى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتتى

ئامېرىكىنىڭ B-52 ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىسى بىرلەشمە تەتقىقاتى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىدا ، B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈش جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى دانە F-15SA كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ھەمراھ بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

يازمىدا ، ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىسى ئورتاق خىزمەت قىلىش دائىرىسىدە رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىغا تۆھپە قوشۇش تەكىتلەندى.

ھەمكارلىق خىزمىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت ئۇچۇرلار تەمىنلەنمىدى.

B-52 نىڭ سۈرەتلىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتكەندە ھەمبەھىرلەنگەن.

ئامېرىكىنىڭ B-52 ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ سەئۇدى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان مانۋېرى خىتاينىڭ ئومان قولتۇقىدا روسىيە ۋە ئىران بىلەن بىللە دېڭىز ئارمىيە مانۋىېرى ئۆتكۈزۈشىگە توغرا كەلدى.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top