خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قارا دېڭىز ئۈستىدە ئۇچىۋاتقان روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، روسىيەنىڭ Su-27 تىپلىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا پاراكەندىچىلىك سالغان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كىتشىگە سەۋەبچى بولغان.
ئامېرىكا تەرەپ باياناتتا ، روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان ۋە روسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئالدىدا ئىسسىقلىق يېقىلغۇسى قويۇپ بەرگنلىكنى، ئاندىن يىقلغۇنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پىرقىرىغۇچىغا سوقۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق قارا دېڭىز ئۈستىدە ئۇچۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما بۇ تەرەققىيات تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ دەپ قارالماقتا.