ھىندىستاندىكى مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى BrahMos Aerospace ھىندونېزىيە بىلەن ئاز دېگەندە 200 مىليون دوللارلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئاز قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھىندىستان مۇداپىئە شىركىتى باياناتىدا، ھىندونېزىيە بىلەن بۇ يىل مىليون دوللارلىق «خاسىيەتلىك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
روسىيە-ھىندىستان بىرلەشمە مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى BrahMos Aerospace نىڭ باش دېرىكتورى Atul D. Rane رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە يىلىغا 200 ~ 350 مىليون دوللارغىچە ئۇرۇش پاراخوتىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھەمدە دېڭىز قىرغىقى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان ئاۋازدىن تېز چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتقىلى بولدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇمكى ، ھىندونېزىيە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە ئەتراپىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئېشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، قورال ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بولغان چىقىمىنى ئاشۇرماقتا.