
ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا ھىندىستاندىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان»FOIP تەسەۋۋۇرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقتى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى مەنسەپدىشى كېشىىدا بىلەن ياپونىيە-ھىندىستان ئالاھىدە ئىستراتېگىيىسى ۋە يەرشارىۋى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە FOIP نى يولغا قويۇش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدى.
كىشىدا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يازغان ماقالىسىدە ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا كىرىزىسنى يېڭىش ۋە ھىندىستان-ياپونىيە ئالاھىدە ئىستراتېگىيىلىك يەرشارى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە ئوينايدىغان رولىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ FOIP يېڭى پىلانىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىدا يەنە بىر يازمىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنى خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان G7 رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا رەسمىي تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.