ئامېرىكا ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان گۇرۇپپىلارغا قارىتا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەسەكەگە جايلاشقان ئامېرىكا بازىسىغا كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمىدا 1 ئامېرىكىلىق ھەربىي خادىم ئۆلگەنلىكى، 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاخباراتنىڭ باھالىشىغا قارىغاندا ، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىراندىن كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىران قوللىغان گۇرۇپپىلاردىن ئۆچ ئېلىش
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار گۇرۇپپىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆچىنى ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئىران قوللىغان ياللانما ئەسكەرلىرىگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ پرېزىدېنت جو بايدىننىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە 900 دىن ئارتۇق ھەربىي خادىمى بار دەپ قارالماقتا. مەلۇمكى ، سۈرىيەدە پات-پات ئىران قوللىغان ياللانما ئەسكەرلەر بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھاۋا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.