سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۈرىيەنىڭ كونسۇل مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەت باشلىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستانغا جايلاشقان ئەل ئىبارىيە قانىلى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بۇ خەۋەرنى بەردى.
بۇ ئەمەلدار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى دۆلەت كونسۇل مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن ، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى ئىلگىرى سۈرىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن ئېچىشقا قوشۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
خەۋەرلەردە ، سۆھبەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئورنىتىشنى كۆزدە تۇتقان كېلىشىمدىن كېيىن جانلانغانلىقى كۆرسىتىلدى.
رىياد بىلەن تېھران ئىككى ئاي ئىچىدە ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن بېيجىڭدا 7 يىل توختاپ قالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى.