شىمالىي كورېيە پارتلاش ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى رادىيو ئاكتىپلىق دېڭىز دولقۇنى پەيدا قىلىش، دۈشمەن ئورۇنلىرىغا يوشۇرۇنچە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە «ئادەمسىز سۇ ئاستى يادرو قورالى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — KCNA، مەزكۇر «مەخپىي قورال»نىڭ سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي ھامميوڭ ئۆلكىسى دېڭىز تەۋەلىكىگە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سۇنىڭ 80 بىلەن 150 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا 59 سائەت ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا پارتىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
كورېيەچە دېڭىز بورىنى دېگەن مەنىدىكى «خائېئىل» دەپ ئاتالغان قورالنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ» رادىيو ئاكتىپلىق دېڭىز دولقۇن ھاسىل قىلىش ئارقىلىق دۈشمەن پاراخوتلىرى ۋە پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن دۈشمەننىڭ شىمالىي كورېيەگە تاجاۋۇز قىلىش يولىدىكى ھەر قېتىملىق ئۇرۇنۇشىنى تارمار قىلىش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ بىپەرۋالارچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى.
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى تاماملىشى بىلەن تەڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا جىددىيلىك كۈچىيىپ كەتكەنىدى.