ئاقساراي (ئامېرىكا) دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي (ئامېرىكا) دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى، ۋاشىنگتوننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقساراي (ئامېرىكا) دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارى توغرىسىدا توختالغان كىربى، موسكۋانىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار ياكى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئالامەتنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھازىرغىچە يادرو قوراللىرىدىن يالتايتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزنى تەقەززا قىلىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسە كۆرمىدۇق» دېدى.
ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدە سىياسىي كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان «ئەدلىيە ئىسلاھاتى» سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن «قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى»نى تىلغا ئېلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە تەرەپلەرنى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كىربى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭمۇ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا «ناھايىتى ئوچۇق- ئاشكارا» ھالدا ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تۈپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئورتاق تونۇشنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
جون كىربى بايدىننىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىچكى ئۇرۇش چىقىپ قېلشىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ تور ھۇجۇمى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ خەۋەرلەرنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىربى يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ دائىرىدە تور ھۇجۇمى ھەمكارلىقىدىكى تەرەققىياتلارنىمۇ تەكشۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ يەنە يېقىنقى 36 سائەت ئىچىدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خەلق قوراللىقلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىربى، ئامېرىكانىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.