ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل تەيۋەن رەھبىرى سەي يىنۋېننىڭ ئامېرىكىنى رەسمىي زىيارەت قىلىشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بۇ پەقەت «ئۆتكۈنچى زىيارەت»، جۇڭگونىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.
تەيۋەن رەھبىرى سەينىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، ئالدى بىلەن ئامېرىكغا بېرىشى، ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى جىددىيلەشتۈردى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى، سەينىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كېۋىن ماككارتى بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا، بۇ سەپەرنىڭ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پاتېل تەيۋەن رەھبىرى سەينىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ 6 قېتىم ئامېرىكا ئارقىلىق رايوندىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ، بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ 7-قېتىم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پاتېل بۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو پرىنسىپىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ، ۋاشىنگتوننىڭ ئارالغا بولغان ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇئاۋىن باياناتچى مۇنداق دېدى: «بېيجىڭنىڭ بۇ ئۆتكۈنچى زىيارەتكە ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە باشقىچە ۋە ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىلگىرى ئېيتقىنىمىزدەك ، بىز ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىمىز. بىز تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز ». دېدى.