1.2K
ھىندىستان ساقچىلىرى جامائەت بولۇپ تاراۋى نامىزى ئوقۇغان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارغا جەرىمانە قويدى.
ھىندىستان ساقچىلىرى ئۇتتار پرادېش شتاتىدىكى ئۆيدە جامائەت بولۇپ تاراۋى نامىزى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بىر مۇسۇلمان گۇرۇپپىغا جەرىمانە قويدى.
ھىندىستاندىكى مىللەتچى ئوڭچىل تەشكىلات بولغان باجراڭ دال ئەزالىرىنىڭ ئەرزىدىن كېيىن ، ھىندىستان ساقچىلىرى مۇرادائاباد رايونىدا بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار ئۆيدە جامائەت بولۇپ تاراۋى نامىزىنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن «قايتا جامائەت بولۇپ ناماز ئۇقۇماسلىق» قا بۇيرۇغان ھەمدە جامائەتتىكى ھەر بىر مۇسۇلمانغا 6000 دوللاردىن جەرىمانە قۇيغان.
ئۇ ساقچىلارغا جامائەت بولۇپ ناماز ئۇقۇغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن 500 مىڭ ھىندىستان پۇلى (6000 دوللار) جەرىمانە قۇيۇشتىن سىرت يەنە ئۇلار بۇ رايوندىكى «تىنچلىقنى بۇزدى» دىگەنلەرنى ئوتتۇرا قۇيغان.