873
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى Micron Technologies غا قارىتا تور بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈشىنى باشلىد
خىتاي تور بىخەتەرلىك ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى (CAC) مۇنداق دېدى: بۇ تەكشۈرۈش «مۇھىم ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكىنى قوغداش» ۋە «مەسىلە بار مەھسۇلاتلاردىن كېلىدىغان خەۋىپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى مەقسەت قىلىدۇ.
باياناتتا شىركەتنىڭ قايسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ «مەسىلە بار» ياكى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى قايسى تۈرنىڭ بىخەتەرلىك خەۋىپى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
بۇ خىتاي ئىنتېرنېت ۋە تور بىخەتەرلىكى ئورگىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەل شىركىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.