رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانىدىكى بەزى ماددىلارنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ مەيدانى سەۋەبىدىن ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان ھالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
دىمىترىي پېسكوۋ خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش پىلانى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بۇ پىلاننىڭ توختىتىپ قويۇلمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بەزى ماددىلىرىنىڭ ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان ھالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پېسكو: «بۇ يەردە ئۇكرائىنانىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە قوماندانلىرىنىڭ سۆزىگە خىلاپلىق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان بەزى ماددىلار بار ، بۇ قوماندانلار كىيېۋدا تۇرمايدۇ ۋە ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىدا چىڭ تۇماقتا» دېدى.
پېسكوۋ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا «تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى» ئەۋەتىش پىكرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇنىڭ «خەتەرلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پېسكوۋ: «دۇنيادا بۇ خىل قىسىملار قائىدە بويىچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر مەسىلە» دېدى.