![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2023/04/66480.jpg)
فىلىپپىن تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىشلىتىش ئۈچۈن بەرگەن 4 ھەربىي بازىسىنىڭ ئىككىسى خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاشۇرغان رايونلارغا يېقىن.
فىلىپپىن پرېزىدېنت ئالاقە ئىشخانىسى مۇنداق دېدى: كاگايان ئۆلكىسىنىڭ سانتا ئانا رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى ، لال-لو بازىرىدىكى ئايرودروم ، ئىسابېلا ئۆلكىسىدىكى ھەربىي لاگېر ۋە بالاباك ئارىلىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئېچىۋېتىلدى.
كاگايان ئۆلكىسىنىڭ سانتا ئانا رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيىسى بازىسىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 كىلومىتىر ، بالاباك ئارىلىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا يېقىن.
فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا 2014-يىلى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن ئەتراپىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى (EDCA)نى ئىمزالىدى.
ھازىر ، EDCA نىڭ ئاستىدا، ئامېرىكا فىلىپپىندىكى 5 بازىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، فىلىپپىننىڭ ئامېرىكىغا يەنە 4 ھەربى بازىنى ئېچىش قارارى بىلەن ، ئامېرىكا خىتايغا قارشى فىلىپپىندا جەمئىي 9 بازىدا ھەركەت قىلالايدىغان ھالغا كەلدى.
تىلغا ئېلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئامېرىكىنىڭ بازىلارغا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى بار.