خىتاي ئارمىيىسى يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن ئارالنى چۆرىدىگەن ھالسا ئىككىنچى قېتىملىق مانېۋىر باشلاتقان بولۇپ، تەيۋەنگە قارىتا ئېنىق زەربە بېرىشنى تەقلىد قىلغان ، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقنى بىلدۈردى.
تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ دەۋا قىلغان خىتاي، شەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي ئىنگېننىڭ ئامېرىكىغا قىلغان قىسقا زىيارىتىدىن قايتىپ كېلىپ ئەتىسىلا ئارال ئەتراپىدا ئۈچ كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى.
خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسى تەيۋەن ئەتراپىدىكى جەڭگە تەييارلىق قىلىش ۋە چارلاش مانېۋىرلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىگىنلىنىشچە، خىتاي ئارمىىيسىنىڭ 70 ھەربىي ئايروپىلانى شەنبە كۈنى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ سەزگۈر ئوتتۇرا لىنىيىسىدىن ئۆتكەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي ئىڭۋېننىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ تەيۋەن ئەتراپىدا مانېۋىر باشلارتقان.