ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا ئائىت توردا ئاشكارىلانغان ئون نەچچە مەخپىي ھۆججەت ئىچىدە ، رۇسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەر گۇرۇھى ۋاگنېرنىڭ تۈركىيەدىن قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئەيىبلەشلەرمۇ بار.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ۋاگنېرنىڭ ئىچكى پىلانىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ۋە ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ تۈركىيەدىن قورال سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە مالىنىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى ئاسىم گوتانىڭ «مالىنىڭ ۋاگنېرغا ۋاكالىتەن تۈركىيەدىن قورال سېتىۋالالايدىغانلىقىنى دەلىللىگەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ تۇغرىسىدا توختىلىشنى رەت قىلدى، مالىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق جاۋاپ بەرمىدى.
ئاشكارىلانغان ئاخبارات ھۆججىتىدىكى باشقا ھۆججەتلەرگە ئوخشاش ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىغىن توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە ئاڭلاش تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە «سىگنال ئاخبارات» ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» يەنە «ئاشكارىلانغان ئاخبارات ئامېرىكىنىڭ رەقىب ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان.