بەشبۇرجەكلىك بىنادىن تۇيۇقسىز ئاشكارىلىنىپ كەتكەن مەخپىي ئاخبارات ھۆججەتلىرىنىڭ تېمىسى بولغان دۆلەتلەر بۇ ئەيىبلەش ھەققىدە نېمە دېدى؟
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ۋە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان مەخپىي ھۆججەتلەردە، ئۇكرائىنا ۋە روسىيەدىن خىتايغىچە، ئىسرائىلىيەدىن مىسىر ۋە تۈركىيەگىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەققىدە ئەيىبلەشلەر مەۋجۇت.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى راست دەپ قارايدۇ. ئەمما بەزى ھۆججەتلەردىكى ئۇكرائىنا بىلەن روسىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى زىيىنىنى تېخىمۇ ئاز كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قايسى ھۆججەتلەرنىڭ يالغان ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ۋە موسكۋانى كىيېۋنىڭ ئۇرۇش پىلانى ھەققىدە ئازدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان-قىلمىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق.
- «بىز مەنبەنى تاپقۇچە تەكشۈرىمىز»
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئۆزلىرىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاشكارلىنىشنىڭ مەنبەسى تېپىلغۇچە ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ھۆججەتلەرنىڭ 28-فېۋرالدىن 1-مارتقىچە بولغان ۋاقىتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇنداق دېدى: «مەن كۆپ نەرسىلەرنى دېيەلمەيمەن، چۈنكى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئۇنىڭ مەنبەسى ۋە دائىرىسىنى ئېنىقلىغۇچە داۋاملىق تەكشۈرەيمىز».
دۆلەت بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ھۆججەتلەردە ھەر قايسى دۆلەتلەر تىلغا ئېلىنغان.
VOA تۈركچە قانىلى تەرىپىدىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەۋەرلەردە، ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەر، بۇ دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەر ۋە ئىنكاسلار تۆۋەندىكىچە:
- ئۇكرائىنا
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى روسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي كۈچى ۋە بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتلار ئىكەن.
مەسىلەن، ئامېرىكا ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خادىملىرى ئۈچۈن تەييارلانغان 2-ئايدىكى ھۆججەتتە، ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ ماينىڭ ئاخىرىغىچە تۆۋەنلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
گەرچە ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بەك تىلغا ئېلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، دۆلىتىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى ئاشكارىلايدىغان ھۆججەتلەردىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك شەنبە كۈنى تىۋىتتېردا ھېساباتىدا، مەخپىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تويۇقسىز ئاشكارىلىنىشنىڭ- دىققەتنى چېچىش، توقۇنۇش پەيدا قىلىش ۋە ئۆز-ئارا گۇمان پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
- روسىيە
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى»،«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بەزى ھۆججەتلەردە ئامېرىكا ئاخبارات جەمئىيىتىنىڭ روسىيە قىسىملىرى ئىچىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇ خەۋەرلەرنىڭ تېمىسى بولغان بىر قىسىم ھۆججەتلەر روسىيە ھەربىي ئاخبارات ئورگىنى GRU ۋە روسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەر گۇرۇھى ۋاگنېرنىڭ ئىچكى پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئۆزلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى تەھلىل قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
پېسكوۋدىن روسىيە ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدە رول ئوينىدىمۇ-يوق دەپ سورالغاندا، پېسكوۋ باشقا دۆلەتلەرنىڭ روسىيەنى ھەممە ئىشتا ئەيىبلەش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
- تۈركىيە
ھەپتە ئاخىرىدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دىكى خەۋەرلەردە، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە، روسىيەنىڭ ياللانما شىركىتى ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ تۈركىيەدىن قورال سېتىۋالماقچى بولغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن «تۈركىيە بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان كىشىلەر» بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەقسەت; قانداقلا بولمىسۇن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قانچىلىك خەۋەردار ئىكەنلىكى ياكى بۇ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىگە ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ ئەيىبلەشلەر ھەققىدە تۈركىيەدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات يوق. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بولسا، ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ مەسىلە توغرىسىدا توختىلىشنى رەت قىلدى. دېدى.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى بايان قىلدى. قانداقلا بولمىسۇن، تۈركىيەنىڭ بۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قاتارىدا بار ياكى يوقلىقى نامەلۇم.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى كىرىس مېگېر، 11-چسلا ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ سوئالغا تەپسىلىي جاۋاب بەرمىگەن بولۇپ، ئۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان.
- خىتاي
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ ھۆججەتلەر بېيجىڭنىڭ روسىيەگە ھەربىي ياردەم ئەۋەتىشى ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچۇدىغان قورال سىنىقى قاتارلىق خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەتەر ۋە تەھدىدلەرنى تەھلىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەسىلەن، خىتاينىڭ ئىلغار ئاۋازدىن تېز ئۇچۇدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى DF-27 نىڭ ئامېرىكىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلدى.
بىر ھۆججەتتە خىتاينىڭ يېڭى ئۇرۇش پاراخوتى ۋە مارتتا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن ئىككى سۈنئىي ھەمراھي تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بېيجىڭ ھەربىي خەرىتە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن.
- ئىسرائىلىيە
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر دۆلەت ئىسرائىلىيە. «ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، موسادنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ئەدلىيە ئىسلاھاتى نامىدا قىلماقچى بولغان قانۇن ئۆزگەرتىش نامايىشىنى قوللىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى باياناتىدا، ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئەزەلدىن سىياسىي تەرەپسىزلىكىنى قوبۇل قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. باياناتتا موساد ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ نامايىشقا قاتناشمىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ تاشقى ئىستىخبارات مۇلازىمىتى موسادنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى چەكلەنگەن.
ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، باش مىنىستىر نىتانىياخۇنىڭ 11-چىسلا موسادنىڭ باشلىقى داۋىد بارنېئا بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، بارنېيانىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىغا بۇ ھۆججەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ يالغان چۈشەندۈرۈشىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
- ئىران
ھەممىگە ئايانكى، ئىراننىڭ بولۇپمۇ يادرو پروگراممىسى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، ئاشكارىلانغان بىر قىسىم ھۆججەتلەردە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ بىر قىسىم مەخپىي قورال-ياراغ پائالىيەتلىرىنى دائىم نازارەت قىلىپ تۇرالايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى ئاساس قىلغان ھۆججەتتە ئىران ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىدىغان سۈنئىي ھەمراھ ۋە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەييارلىقلىرى بايان قىلىنغان.
- مىسىر
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ، 17-فېۋرالدىكى بىر ھۆججەتتە مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفاتتاھ سىسى بىلەن مىسىرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە تەۋە دېيىلگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلار بار. بۇ سۆھبەتتە مىسىرنىڭ روسىيەنى زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلغان راكېتا بىلەن تەمىنلەش پىلانى بايان قىلىنغان.
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» دىكى دوكلاتتا، بۇ پىلان تېخى مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن بولۇپ، مىسىر پرېزىدېنتى سىسىنىڭ غەربتىن كېلىدىغان جازادىن ساقلىنىش ئۈچۈن دائىرىلەردىن راكېتانىڭ توشۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مىسىرنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۆز دۆلىتىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن راكېتا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مىسىر ئەمەلدارى مىسىر دۆلەت تاراتقۇلىرىغا سۆز قىلىپ ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ دوكلاتىنى «قۇرۇق گەپ» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى جون كىربىدىن بۈگۈن مىسىرغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردىكى ئەيىبلەشلەر ۋە ئامېرىكىنىڭ مىسىر بىلەن بۇ مەسىلە تۇغرىىسىدا توختالغانلىقى ياكى توختالمىغانلىقى سورالدى.
جون كىربى مۇناسىۋەتلىك ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن مۇۋاپىق كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.
كىربى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ توغرىلىقىغا باھا بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مىسىرنىڭ روسىيەنى ئەجەللىك قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت كۆرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە، روسىيە ئىستخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئىستخبارات ئورگانلىرىغا قارشى ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلغان دەپ ماختىغان.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ھۆججەتكە ھېچقانداق باھا بەرمىدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۆزىنىڭ روسىيە ئىستخباراتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تېرورلۇق ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاخبارات ئىشلىرى كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى برايىن نېلسون يانۋاردا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان ۋە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.
مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى ئېلىزابېت روسېنبېرگ، مارتتا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شىركەتلىرىنىڭ روسىيەنىڭ خەلقئارا جازادىن قېچىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئىستخبارات خادىملىرى يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن روسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەر گۇرۇھى ۋاگنېر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمەلدارلىرى بولسا، بۇ ھۆججەتلەرنى كۆرمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە باشقا دۆلەتلەر ئىستخباراتلىرى بىلەن باشقا دۆلەتكە قارشى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
- كورېيە
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە كورېيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا زەمبىرەك ئوقى ئەۋەتىش تەلىپىنى چۈشىنىشتە قىيىنچىلىق بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سېئۇلدىن تەلەپ قىلىنغان قورال يارقنىڭ موسكۋانىڭ ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كورىيە مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئەگەر ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر جەزملەشتۈرۈلسە، ئامېرىكىدىن مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
- ۋېنگىرىيە
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى نەقىل كەلتۈرگەن ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە، ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ 2-ئايدىكى ئىستراتېگىيىلىك يىغىندا ئامېرىكىنى ئۆز پارتىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈچ رەقىبى قاتارىدا سانىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات يوق.
- ھايتى
رېيتېر ئاگېنتلىقى ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھايتى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە تىلغا ئېلىنغان.
بىر ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلدى: روسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەر گۇرۇھى ۋاگنېر مەخپىي ھالدا ھايتىغا بېرىپ، ھايتى ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى كونترول قىلىدىغان باندىتلارغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى پاراڭلاشقان.
ھايتى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ۋاگنېرنىڭ ئالاقىلاشقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى رەت قىلدى.
مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى / مېپا نېۋېىس