ئىران ، غەرب ، سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە توققۇز مەنبە مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يەر تەۋرەشتىن قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىنى (پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ) سۈرىيەگە قورال ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ئەتكەس قىلدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان مەنبەلەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىراننىڭ مەقسىتى سۈرىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ، شۇنداقلا ھاكىمىيەت رەھبىرى بەششار ئەسەدنى قوللاش.
قەھرىمان ماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش سۈرىيەنىڭ شىمالى ۋە تۈركىيەدە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە ئېغىر مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، سۈرىيەدە يۈز بەرگەن تۈركىيەنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشتە كەم دېگەندە ئالتە مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
«ياۋرو گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مەنبەلەردە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئىراندىن كەلگەن يۈزلىگەن ئايروپىلاننىڭ سۈرىيەنىڭ ھەلەپ ، دەمەشىق ۋە لاتاكىيە ئايرودرومىغا قونۇپ ، ئەشيا ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ توشۇشنىڭ يەتتە ھەپتە داۋاملاشقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئىككى رايون ۋە غەربنىڭ ئىككى ئاخبارات مەنبەسىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ماتېرىياللار ئىلغار خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە رادار باتارېيەسى ، شۇنداقلا تېھران بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەمىنلىگەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى يېڭىلاشقا كېرەكلىك زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئايروپىلانىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى توشۇشقا ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى سۇئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان.