1.7K
ئامېرىكىنىڭ مونتانا شىتاتى TikTok دېتالىنى چەكلەش قارار قىلدى. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھىسى ئەمىللەشسە، مونتانا ئامېرىكىدىكى تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن شىتات بولۇپ قالىدۇ.
ئاقساراي ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ سىن ھەمبەھىرلەش دېتالى TikTok نى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.
بۇ قانۇن لايىھىسى مونتانا شىتات پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن ، TikTok نى شەخسىي تېلېفونلاردىمۇ ئىشلىتىش چەكلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھىسى 54 بېلەت قارشى 43 بېلەت بىلەن ماقۇللاندى.
بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 10 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلسا بولىدىغان بولۇپ، قانۇن لاھىيەسى رەسمىي ھالدا 2024-يىل بېشىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىشى مۇمكىن.